ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر جەمئىيىتى رامزاندا يوقسۇللارغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنى كۈچەيتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-07 15:00:12 جەمئى 810 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى رامزاندا يوقسۇللارغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنى كۈچەيتتى

ئۇيغۇر جەمئىيىتى رامزاندا يوقسۇللارغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنى كۈچەيتتى
مۇبارەك رامزان كىرگەندىن بىرى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەر قايسى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىر-بىرى بىلەن ياخشىلىقتا بەيگىگە چۈشمەكتە. تەشكىلاتلار كەڭ مۇھتاج خەلقىمىزنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇلارنىڭ بىرى ئسىتانبۇلنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سەھىيە، تەلىم- تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ياردەملىشىش جەمىئيىتى بولۇپ، رامزان كىرگەندىن بۇيان ئىھتىياجلىق قېرىنداشلارغا ياردەم پائالىيەتلىرىنى كۈچەيىتتى.
جەمئىيەت مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە قېرىنداشلىرىمىزغا بەش كىلولۇق 200 تۇڭ ماي، 78 جۈپ چوڭلار ئايىغى، 176 جۈپ بالىلار ئايىغى تارقاتتى، 28 ئائىلىگە 100 لىرالىق بىم سېتىۋېلىش كارتىسى، 200 گە يېقىن ئائىلىگە ئۇن ياغ ياردىمى،
90 ئائىلىگە 100 لىرادىن زاكات پۇل قاتارلىق ياردەملەرنى تارقىتىپ خەلقىمىزنىڭ رامزاننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىكە تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغاففار تام ئۇيغۇر ئەپەندى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە قەيسەرى، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدىمۇ ياردەم تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ