ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلات ھەيئەتلىرى مالايسىيادىكى مىللەت ۋە دىن ۋەكىللەر بىلەن ئۇچراشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-09 16:48:47 جەمئى 1035 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلات ھەيئەتلىرى مالايسىيادىكى مىللەت ۋە دىن ۋەكىللەر بىلەن ئۇچراشتى

ئۇيغۇر تەشكىلات ھەيئەتلىرى مالايسىيادىكى مىللەت ۋە دىن ۋەكىللەر بىلەن ئۇچراشتى

ئۆز خەۋىرىمىز: 7- يانۋار شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاۋىسىترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى شۇنداقلا ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر بۇرھان سېتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى.

مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت نىشانى مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمى ۋە غەيرى رەسمى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ شەقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
9- يانۋار ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى مالايسىيادىكى مىللەت ۋە دىن ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ،« خىتاي شەرقىي تۇركىستان خەلقىنى ئىرقىي قىرغىن قىلىۋاتىدۇ؟ » تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ باردى.
مۇھاكىمە يىغىنىغا مالايسىيادىكى بارلىق مىللەت ۋە دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن ئاخبارات ئورۇنلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ئىرقىي قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇھىم تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقىنى ھىمايە قىلىشتا سېتراتىگىيلىك بىرلىك ھاسىل قىلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسقا قارشى ئۇيغۇر خەلقىنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق مۇھىم تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ساھىبخانلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يىغىن ھەققىدىكى سىنلىق كۆرۈنۈش ۋە رەسىملەر ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارا قىلىنمىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ