ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيانىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-10 15:47:21 جەمئى 970 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيانىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى  مالايسىيانىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى زىيارەت قىلدى 

ئۆز خەۋىرىمىز: 7- يانۋار شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاۋىسىترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى شۇنداقلا ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بۇرھان سېتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى
مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت نىشانى مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمى ۋە غەيرى رەسمى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ شەقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى
10 يانۋار كۈنى ھەيئەت مالايسىيانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى ۋە باش مىنىستىر مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان مۇھىم دۆلەت ئەبابى دوكتور سېيىت ھەمىد ئەلبار ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى
زىيارەتتە، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى تەسس قىلىپ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسى باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئىرقىي قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئاخىردا، دوكتور سېيىت ھەمىد ئالبار ئەپەندىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن دوكلات سۇندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ