ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى خەلقئارا ئىسلام ئونۋېرسىتېتى جامەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-11 15:44:40 جەمئى 862 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى خەلقئارا ئىسلام ئونۋېرسىتېتى جامەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى خەلقئارا ئىسلام ئونۋېرسىتېتى جامەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
ئۆز خەۋىرىمىز: 7- يانۋار شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاۋىسىترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى شۇنداقلا ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بۇرھان سېتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى
مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت نىشانى مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمى ۋە غەيرى رەسمى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ شەقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى 11- يانۋار جۈمە نامىزىدىن كېىن مالايسىيادىكى زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئورۇنلارنىڭ كۆپلۈكى، ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇش سەۋەبىدىن ئىككى گورۇپقا بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئسى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى خەلقئارا ئىسلام ئونۋېرسىتېتى چامىسىدىكى جۈمە خۇتبىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش جىنايىتىنى جامائەتكە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ