<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قەشقەردىن ئىبارەت مىللى مەدىنيەت سىمۇۋىلىنىڭ نەزىرىدىكى يەر شارى،
شائىر ئادىل تۇنيازنىڭ« قەشقەردىكى يەر شارى» دىگەن داستانىنىڭ ماۋزۇسىدىكى  شېئىرى    كەڭلىك ئادەمنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.  يەر شارىنىڭ قەشقەردىكى تۇنۇلۇشى،  قەشقەردىن ئىبارەت مىللى مەدىنيەت سىمۇۋىلىنىڭ نەزىرىدىكى يەر شارى،  دۇنيانى تۇنۇشنىڭ ھەر بىر ئەكىس ئەتكۈچى ئۇبىكىتتا بىر شەكىلدە ئەكىس ئىتىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ.  شۇنداق،  يەر شارى پەقەت بىر.  لېكىن، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى يەر شارى يەنە ئۈزىگە خاس ئالاھىدلىككە ئىگە.  ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۇقۇممۇ شۇنداق،  جەميەتنىڭ ئەڭ كىچىك يادروسى بولغان ئادەمدىن تارتىپ، مەلۇم مەدىنيەت،  ھىسىيات بىرلىككە ئىگە مىللەتكىچە ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۇبۇكتىنى تۇنۇش ئوخشاش بولمايدۇ.  تۇنۇشتىكى پەرىق ۋاقىتنى ئىسىتىمال قىلىشتىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ۋاقىت ئېقىمىنىڭ ئوخشاش بىر نوقتىسىدا ياشاۋاتقان ئوخشاشمىغىن مىللەتنىڭ تۇرغان نوقتىسى ئوخشاش بولسىمۇ،  ئىستىمال قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ خىل پەرىق تۈپەيلىدىن بەزى كىشلەر،  بەزى مىللەتلەرنىڭ جىسمى ھازىرقى دەۋىردە بولسىمۇ،  روھى ۋە قازانغان ئۇتۇقلىرى تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىركى ھالىتىدە تۇرغان بۇلۇدۇ. بەزى مىللەتلەردە ۋاقىتنىڭ رېتىمى تىز،  بەزىلىرىدە ئاستا بۇلۇدۇ.  ۋاقىتتىكى تىزلىك ۋە ئاستىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى  ۋاقىتنىڭ بەزى يەردە تىز بەزى يەردە ئاستا ئۈتىدىغانلىقى ئەمەس،  ۋاقىتقا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنىڭ ۋاقىتنى ئىشلىتىشتىكى سىجىللىقى،  ياراتقان قىمىمىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناھايتى ئاز ۋاقىتتا كۆپ قىممەت يارىتىپ،  ۋاقىتنىڭ قىمىمىتىنى ھەسىسىلەش ۋاقىتنى تىزلەشتۈرىۋىتىدۇ.  ۋاقىتنىڭ سۈرئىتى تىزلەشكەن جايلار دەل تەرەققىياتتا ئالدىدا ماڭغان جايلار.    ۋاقىت دىگەن بۇ ئۇقۇم ھەممە ئادەمگە مەلۇم. ئەمما ۋاقىت دىگەن زادى نىمە؟دەپ سۇئال سورالسا جاۋاپ بەرمەك قىيىن،  ۋاقىت ئېقىپ كېتىۋاتقان سۇغا ئوخشاش بىر ئېقىنمۇ؟كىشلەر سائەت سىتىرىلكىسىغا،  كالىندارغا،  ئۆمرىگە نەزەر سالسا،  ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەن ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ.  لېكىنسوغوققانلىق بىلەن قايتا ئويلىسا ۋاقىت دىگەن ئىنسان تەرىپىدىن  تۇقۇپ چىقىرىلغان  بىر ئۇقۇم ئىكەنلىگىنى ئەمىليەتتە ئۇنىڭ ئۆمۈرگە نىسبەتەن ئېيتىلغانلىقنى بىلىمىز. ئۇنداقتا. ئۈتىۋاتقىنى ئۆمۈرمۇ ياكى ۋاقىتمۇ؟  ئۆتۈۋاتقىنى ئۆمۈر. ئەسلى ۋاقىت دەپ بىر نەرسە يوق.  ۋاقىتنى ئۈتىۋاتقاندەك كۆرسىتىۋاتقىنى جىسىملارنىڭ ھەركىتى تىنىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ئۆزگىرىش.  دىمەك ۋاقىتنىڭ تىز ئاستىلىغى ئۆمۈردىن ئىبارەت تەننىڭ ياشاش  ئىمكانىيىتىنىڭ پىسىخىكىمىزدا پەيدا قىلغان شۇ چەكلىك بولغان ياشاش جەريانىمىز.  بانكىدىكى پۇلغا ئوخشاش چىكى بار ئۆمرىمىز.    ئۇنداقتا ئۆمۈرنى بۇنداق تىز ئۆتكۈزۋىتىشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟ئاستا ئۆتكۈزۈش ئەمىليەتتە ئۈلۈمگە ئاستا يېقىنلاش بۇلامدۇ؟ نىمىشقا بۇنداق تىزلىكنى قوغلىشىمىز.  ئەمىليەتتە بۇ سۇئاللارمۇ ۋاقىتنى خاتا تۇنۇشتىن كىلىپ چىققان پىسخىك ئالدىنىشتۇر.  تىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى چەكلىك ئىمكانىيەتتىن چەكسىز پايدىلىنىش ئارزۇسىدۇر.  ئاستىلىق مەنىسىزلىكتىن كىلىپ چىققان،  پىسخىكىمىزدا يۈز بەرگەن تۇنۇشنىڭ نەتىجىسى.  ئۆمۈر چەكلىك ئۇنى تىز ئۆتكۈزگەندەك قىلساڭمۇ،  ئاستا ئۆتكۈزگەندەك قىلساڭمۇ شۇ ئۆمۈرنى ئۆتكۈزىسەن.  ئۇ ھەرگىز سىنىڭ پايدىلىنىشىڭ بىلەن قىسقىراپ،  پايدىلانماسلىغىڭ بىلەن ئۇزۇراپ قالمايدۇ.  باشقىلار بىر سائەت دەپئاتىغان مۇساپىدە بىر كۈننىڭ ئىشىنى قىلىش ماھىيەتتە ئۆمۈرنى ئۇزارتىش،  ئۆمۈرنىڭ مەنىسى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى كۆپەيىتكەنلىك بۇلۇدۇ.  ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە ۋاقىت دىگەن زادى نىمە؟ ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۇقۇم ئۇيغۇردا قانداق تۈس ئالغان؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان؟   تارىخنى ۋاراخلاپ،  ئۇيغۇر تەپەككۈرىنىڭ غەزنىلىرىنى ئاختۇرساق،  مىللتىمىزنىڭ ۋاقىت چۈشەنچىسىدىن خەۋەردار بۇلالايمىز.  « ئۆمۈر ئاتقان ئوق » دەيدۇ ئاقىللار.  دىمەك،  بۇ ھىكمەتتىن بىزگە يىتىدىغان مەنە مۇنداق ؛ ئوق ئېتىلدىمۇ مەڭگۈ يانالمايدۇ،  پەقەت ئالدىغا مېڭىش ئۇنىڭ بىردىنبىر تاللايدىقان يۇلى.  ئۇنىڭ بىر قەدەم ئالغا باسقىنى ئۈلۈمگە بىر قەدەم يېقىنلىغىنى.  شۇڭا بۇ قايتىلانماس ئۆمۈرنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا تۇنۇش،  قەدىرلەش لازىم.  « ۋاقتىڭ كەتتى،  بەختىڭ كەتتى » دەيدۇ يەنە ئاقىللار.  كۈرىۋېلىش مۈمكىنكى،  ۋاقىت ئۆمۈر دىمەكتۇر.  ساڭا مەنسۇپ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرلىشىشى ساڭا مەنسۇپ ۋاقىتنىڭ ئاخىرلىشىشىدۇر.  لېكىن بۇۋاقىتنى كەتكۈزمەي ئامال يوق.  بۇنداق بۇلۇش مۇقەرەرلىك،  شۇ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئەڭ ھالقىلىق مەسلە.  « ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت » ئالتۇن ئىنسانلار بىلگەن ئەڭ قىممەتلىك مىتاللارنىڭ بىرى.  ئەمما ئۆمۈر ئالتۇندىنمۇ قىممەت.  ھەر بىر ئادەمگە بىرلا كېلىدىقان ئۆمۈر ئەلۋەتتە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.  لېكىن بۇنى كىم تۇنۇدى؟لايسۇدەك ئۆتكەن ئۆمۈر،  ھىچقانداق قىممەت،  مەنە يارىتىلماي ئۈتۈپ كەتكەن ۋاقىت نەقەدەر ئىسراپچىىلىق، نەقەدەر زور جىنايەت ئىنسانلارنىڭ ئەقلى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھەل قىلدى.  ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن پۇل قاتارلىقلارنى خيانەت قىلغانلارنى جازالايدىغان قانۇن ئېلان قىلىندى.  بىراق ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولغان ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلارنى جازالايدىقان قانۇن تۈزۈلگىنى يوق.  بەلكىم تەبىئەتنىڭ قانۇنيىتى ئۇلارنى جازالىشى مۈمكىن.  بىراق شۇ كىشلەر ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىۋاتقاندا ئۈزىنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن جازالىنىشىنى ھىس قىلالارمۇ؟ شۇڭا ئۇنداقلارنى تەبىئەتنىڭ جازاسىغا قۇيۇش ئىنسانى ئەخلاق ۋە قانۇنچىلىق ھەل قىلالمىغان ئەڭ چوڭ مەسلە. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋاقىت بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە «يىللارغا جاۋاپ »دىگەن شىىرىدا ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەرگەن ۋە شېئىرنىڭ ئاخىرىدا « ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ،  دەپ بېرىمىز جاۋاپ »دەپ ئىجادىيەتنىڭ ئىجادىيەتنىڭ ۋاقىتقا تاقابىل تۇرۇپ ئۆمۈرنىڭ ۋەزنىنى ئاشۇرۇپ، دەقىقىلەرنىڭ كەڭلىكىنى تېخىمۇ چەكسىزلىككە ئىگە قىلالايدىقان بىر دىن - بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  مەن كىچىك ۋاقتىمدا بۇ شېئىر ھەققىدە «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ بۇ شېئىرى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئەنگىليىدىكى بىر مۇنارغا ئالتۇندىن ھەل بىرىلىپ ئۇيۇپ قۇيۇلۇپتۇ » دەپ ئاڭلىغانتىم بۇگەپنىڭ راسىت - يالغانلىقىغا بىر نىمە دىمەك تەس.  لېكىن «يىللارغا جاۋاپ » دۇنيانىڭ ۋاقتىنى ئۆلچەپ بىرىۋاتقان ئەنگىليىنىڭ گىرىنۋىچ دىگەن يېرىدىكى دۇنيادىكى بارلىق سائەتلەرنىڭ قىبلىگاھىنىڭ يېنىدا بىر ئابىدە  ياساپ ئۇيۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ياىشى شېئىر.  ناۋادا ھەقىقەتەن شۇنداق بۇلىدىغان بولسا،  گىرىنۋىچقا بېرىپ گىرىنۋىچتىكى  دۇنيانىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەيدىقان سائەتنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى ۋاقىت ھەققىدە ئەڭ چوڭقۇر ئويلارغا چۈكەلەيدۇ.  گەپنى قىسقارىتساق يۇقارقى بىر قانچە مىسالدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.  ئۇنداقتا ۋاقىت ھەققىدە بۇنداق دانا قاراشلارغا ئېگە بولغان مىللەتنىڭ ئەھۋالى زادى قانداق؟ ئەپسۇسلىنارلىقى نۇرغۇن كىشى بۇ سۇئالنى ئاڭلىغان ھامان ئۇجۇقۇپ كېتىدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشىنىڭ تاينى يوقلۇقى دەرھال كاللىمىزدا ئەكىس ئېتىدۇ.  سۆزلىگىنىگە ئەمەل قىلماسلىىق بۇ قانداق ئىش؟ بىز شۇنداق قۇۋىممۇ؟ دىگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ.  راسىت دۇنيادا نۇرغۇن ھەققىقەتلەر بار بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئىگە بۇلىدىغان كىشى بولمىسا،  ئۇ ھەقىقەتلەر مەڭگۈ كۈمۈلۈپ قالىدۇ.  دۇنيادا گۈزەل ئەقىدىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ،  ئۇنىڭغا ھىچكىم ئەمەل قىلمىسا،  بۇنداق ئەقىدىلەر مەڭگۈ ھەركەتكە ئايلىنالمايدۇ. ئېغىزدا سۆزلەپ ئەمەل قىلمايدىقان قۇۋىم ئىشى ئىلگىرى باسمايدىغان،  ھەقىقەتكە كەينىنى قىلىدىقان قۇۋىمدۇر.    ئۇنداقتا ئۇيغۇرنىڭ ئەمەل قىلىۋاتقان ۋاقىت قارىشى نىمە؟ تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق ئاتا -بوۋىلىرىمىز ياقىنغا قەدەر ۋاقىتنى ئاسمان جىسىملىرىغا قاراپ بەلگىلەپ كەلگەن.  گەرچە قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئاستىرنومىيىگە ئائىت نۇرغۇن بايقاشلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ،  بىراق يېقىنقى ئاتا -بوۋىلىرىمىز دەۋرىدە غەرىبلىكلەرنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى تۇنۇشى چوڭقۇرلىشىپ سائەتنى كەشىپ قىلغاندا،  ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى گاللىشىپ ۋاقىتنى مىنۇت،  سىكىنۇتلاپ ئەمەس « بىر ئاش پىشىم »،  « بىر تاھارەت ۋاقتى » دىگەندەك ئۆلچەيدىغان كۈنگە چۈشۈپ قالغان.  ۋاقىت بىزنىڭ بىساتىمىزدىكى ئەڭ ئەرزان ئىسراپ قىلسا بۇلىۋىرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.  ھەتتا كىشلەر «اقىت ئالتۇندىن قىممەت » دەپ تۇرسىمۇ قەلىبنىڭ ئىشىكى نادانلىق تەرىپىدىن پىچەتلىنىپ تاشلانغاچقا،  بۇ ئۇلۇغ ھۈكۈمنىڭ تىگىگە يېتەلمەيدىقان بۇلۇپ قالدى.  شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ھاياتى دەۋرىي ھالدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىقان ئۆمۈر ئىسراپچىلىقىغا ئايلىنىپ كەتتى.  شۇنداق كىشلەرمۇ باركى،  ئۇلار ئۆلگەن ھامان باشقىلارنىڭ ئېسىدىن كۈتۈرۈلۈپ كەتتى.  بەزىلەرنىڭ ھاياتى يوقلىما قىلىنغاندىلا ئەسلەندى.  ئۇلارنىڭ رۇلى بولمىدى دىيەلمەيمىز.  دەۋىر شۇلارنىڭ قۇلى ئارقىلىق ئەجداتتىن ئەۋلاتقا كۆشتى.  ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق نەسلىنى ئۇلاش پونكىتى  بۇلۇش ئۈچۈنلىمۇ؟بۇنداق غايەت زور دەرىجىدىكى ئىسراپچىلىقنىڭ زىيىنى زادى كىمگە؟ ۋاقىت بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئېتىبارسىز قالغانسىرى ۋاقىتنىڭ بەركىتى قالمىدى.  شۇ سەۋەبدىن تىلىمىزدا ۋاقىت ھەققىدە «ھەش- پەش دىگۈچە نەچچە يىل ئۈتۈپ كەتتى »، « كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ساقلىم تىزىمغا چۈشتى » دىگەندەك مەجەزلار پەيدا بولدى.  ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقتىمىز شۇنچە ئاستا ئۆتكەندەك تۇيۇلدىغان،  ئەمما قاراپ باقسا،  ئۆمۈرنىڭ بەركىتى يوق ھالغا كېلىپ قالدى.  ۋاقىت قەدىرسىز يەردە ۋاقىت كۈنلەپ ئايلاپ ھېسابلانسا،  قەدىرلىك يەردە مىنۇت،  سىكىنۇتلاپ ھېسابلىندۇ.  ۋاقىت قەدىرسىز يەردە بىر سائەت ۋاقىت ھەش - پەش دىگۈچە مەنىسىز ئۈتۈپ كەتسە قەدىرلىندىغان يەردە مىنۇت - سىكىنۇت ۋاقىتمۇ قەدىرلىك ئۈتىدۇ.  ئۇخلىغاندا نەچچە سائەت ۋاقىت بىر دەمدىلا ئۈتۈپ كەتكەندەك تۇيۇلسا،  تەنتەربىيە مەيدانىدا،  كەسكىنمۇسابىقىلەردە نەچچە سىكۇنىت ۋاقىت ئادەمنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ - مۇجۇپ چىكىلدايدۇ.  شۇڭا،  چوڭلار « ئۇيقۇ ئۈلۈم بىلەن تەڭ دەيدۇ ».  ۋاقىتنىڭ قىزىق يىرى ئادەمكۈتكەندە بەك ئاستىلىشىپ كېتىدۇ.  كۈتۈش قەريانىدا ئادەم ۋاقىتنىڭ ۋەزنىنى ئەڭ ياخشى ھىس قىلىدۇ.  كۈتۈش جەريانىدىكى بىكارچىلىق ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويغىلى تاسلا قالىدۇ.  بۇ چاغدىكى ۋاقىت ئىجادسىز ئۆتكەچكە ئاستا بىلىنسە كېرەك.    بىكارچىلىق ئاقسۈڭەكلىكمۇ؟ نۇرغۇن بىكار ۋاقتى بۇلۇش بەختمۇ؟ ئەمىليەتتە بىكار بۇلۇپ قېلىش ھەقىقى تۈرمە.  نىمە ئۈچۈن قانۇننىڭ ئىنسانغا بىرىدىغان ئەڭ چوڭ جازاسى،  جەرمانە مال -مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش بولماي تۈرمىگە سۇلاش.  ئۆلتۈرۈش بۇلۇدۇ؟چۈنكى تۈرمىگە سۇلاش ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ۋاقىتىنى ئىشلىتىش ھۇقۇقىنى تارتىۋېلىپ،  جازالاش.   ئەمىليەتتە بىكارچىلىق ماھىيەتتە ئاقسۈڭەكلىك،  بەخىت ئەمەس جىنايەت، گۇناھتۇر.  بىكار ۋاقىتلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرگەن كىشلەر ئەمىليەتتە ئۆز تەغدىرىنىڭ جىنايەتچىلىرى،  ئۆز غەزىنىسىنىڭ خىيانەتچىلىرى.  ۋاقىت ئېڭىنىڭ تاينى يوق ھەممە يەرگە كېچىكىپ بارىدىغان كىشلەر ئەمىليەتتە ئۆز بەختىگە ئۆز ئامىتىگە كىچىككۈچىلەردۇر.  ئۆز ئۆمرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىسراپ قىلىۋاتقۇچىلار ئۆز ئۆمرىگە ئۈلۈم جازاسى بەرگۈچىلەردۇر.  ئىجادى شېئىرىمنىڭ ئىز -  تامغىسى بار،  ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆز ئۆمرىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىدىن ئەنە شۇنداق پەخىرلىنىدۇ. ئەمىليەتتىمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ 100ياش ئۆمۈر كۆرمىگەن بولسىمۇ،  22ياشلىق ئۆمرىدە ھەقىقى ياشاپ100ياشقا كىرگۈچىلەرنىڭ ئۆمرىنى داغدا قويدى.    ۋاقىتمۇ ماھىيەتتە بىر ئەينەك بۇ ئەينەكتىن مىللەت روھىغا نەزەر تاشلاش مۈمكىن.  ئۈزى 21-ئەسىردە تەپەككۈرى ئوتتۇرا ئەسىردە تۇتۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت ئالدىدىكى گاڭگىرىشى ئۆمۈرنىڭ يەنە بىر تىراگىدىيىسى،  ئەلۋەتتە.  بىز باغاققا ئۈرۈمچى ۋاقتى تۆتكە يېزىلىپ،  يەتتىدە باشلىندىغان تويلاردا ئۈزىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئىسراپ قىلىدىغان جىنايەتچى ئىكەنلىگىمىزدىن نۇمۇس قىلىپ ئازابلانغاندا، تويغا كەلگەن 400- 500 ئادەمنىڭ ئۈچ سائەت ۋاقتى بىكارغا كەتسە،  مۇشۇ ۋاقىت جەملەنسە بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقتى بىكار كېتىدىغانلىقنى ھىسابلىماق ئاسان،  تىلىمىز بىلەن ھەركىتىمىز بىر -بىرىگە خىيانەت قىلماييدىغان بولغاندا داۋاملىشۋاتقان بۇ ئۆمۈر تىراگىدىيىسنى ئاخىرلاشمايدۇ، دىيەلمەيمىز.  چۈنكى،  تاڭ ئاتمايدىقان كېچە تارقىمايدىقان سورۇن بولمايدۇ.  ئەمما تاڭ ئېتىشقا سورۇننىڭ تارقىلىشىغا تۈرىتكە بۇلىدىغىنى ۋاقىت ئەمەس،  جىسىملارنىڭ ھەركىتى،  بۇقانۇنيەتنى بىز قاچانمۇ چۈشىنەرمىز؟


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ