ئۇيغۇرلار ياڭگىر ئۇسۇلى ئويناشقا مەجبۇرلاندى
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خىتاي چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇچار ناھىيىسى خانىقاتام يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۇسۇللىرىنى ئويناشقا مەجبۇرلاپ ئۆزلىرى ئويۇن كۆرگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى خانىقاتام يېزىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاينىڭ ئەجدىھار ئويۇنى، شىر ئويۇنى، ياڭگىر ئۇسۇلى قاتارلىق مىللى سەنئەت ئويۇنلىرىنى ئويناشقا مەجبۇرىلىغان. ئىلگىرىكى ئەھۋاللارغا ئوخشىمايدىغان ئېچىنىشلىق يىرى ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ مىللى كىيىملىرىنى كېيگۈزۈپ خىتاينىڭ مىللى ئۇسۇللىرىنى ئويناشقا مەجبۇر قىلىپ خىتايلارنىڭ ھەمممىسى چەتتە قاراپ ئويۇن كۆرگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتاي چاغىنى ھارپىسىدا خىتاي ئۇسۇلىنى ئويناشقا مەجبۇرلاش قىلمىشنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەك شەھىرى، بۆرتالا شەھىرى، شايار ناھىيىسى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلاردا ئېلىپ بارغان.