ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش ئادەتلىرى

ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ، ﺋﻪﻝ - ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ، ﻳﯘﺭﺕ -ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﻳﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﻣﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ - ﻳﯜﺳﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ - ﺋﻪﺩﻩﭖ - ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﺎﻻﻡ - ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯩﺘﺒﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ- ﻳﯜﺳﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺳﺎﻻﻡ - ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﯩﺰﺍﻧﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯩﻼﺩﻯ XIﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻗﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ :

 

 ﺳﺎﻻﻣﺪﯗﺭ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺴﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻰ،

ﺳﺎﻻﻣﻠﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﺭ ﺋﯧﺴﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻰ.

 

 ﺳﺎﻻﻣﺪﯗﺭ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﯩﻨﻠﯩﻚ - ﺋﺎﻣﺎﻥ،

ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺳﺎﻻﻡ، ﺳﺎﻕ ﺑﯘﻟﯘﺭ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺟﺎﻥ.

 

 ﻛﯚﺭﻩﯕﻠﻪﭖ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﯩﻦ،

ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻝ ﺳﺎﻻﻣﻨﻰ، ﻏﺎﭘﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻦ.

 

 ﻛﯧﺮﻩﻛﺘﯘﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﻮﻟﯘﻏﻘﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ،

ﺋﯘﻟﯘﻏﻤﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﻪ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﺋﻪﻳﻨﯩﻨﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﺍ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ (ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ). ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ A ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﻝ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯧﮭﺘﯩﺮﺍﻡ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﻟﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯧﮕﯩپ: ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺩﯦﻴﯩﺶ، ﺳﺎﻻﻡ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ B ﺗﻪﺭﻩﭘﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ: ﯞﻩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﻣﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﻣﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺳﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯘﻻﻏﻠﯩﻖ ( ﺋﺎﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ) ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ - ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﻏﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ - ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﻪﺗﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ (ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ) ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﺩﯨﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺗﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ )ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯧﯖﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺳﯩﻴﭙﺎﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯗﺋﺎ - ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺗﻮﻱ ﺗﯚﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺗﻮﻱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.

مەﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻝ - ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﯞﻩ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﯕﺰﯨﻨﻰ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﯛﭖ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ.

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻧﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯧﻠﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺋﯧﮕﯩﭗ ،ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ» ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﮬﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﺪﯗ.

ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﺍ ﺑﺎﻻﻏﻪﺕ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺟﯩﻨﺴﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﺟﯩﻨﺴﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻨﻰ «ﻧﺎﻣﻪﮬﺮﻩﻣﻠﯩﻚ» ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻠﯜﻛﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬﻮﻳﻼ - ﺋﺎﺭﺍﻣﻨﻰ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ، ﻳﯜﺯ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ «ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ» ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، « ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺩﯨﻠﯩﻤﯘ ؟» ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ - ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯧﻠﯩﻦ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻛﯜﺗﯜﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯜﺗﯩﺪﯗ (ﺩﻭﻻﻥ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ). ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﻴﺖ - ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮬﯧﻴﺖ - ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﺯﺍﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ