ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر

 

كونىلاردا ھەرىكەتتە بەرىكەت دەيدىغان ماقال- تەمسىل  بار. بۇ قىسقا بىر نەچچە سۆزگە نۇرغۇن مەنىلەر يوشۇرۇنغان. باشقىسىنى دېمەي تۇرساقمۇ، ھەرىكەت قىلماسلىقنىڭ ئۆزىلا روھىمىز ۋە بەدىنىمىزگە زەئىپلىك ئېلىپ كېلىدۇ. تۆۋەندە ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان بىر قىسىم كېسەللىكلەر كۆرسىىتىلدى.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى: ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن يۈرەكنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراش كۈچى ئاجىزلايدۇ، يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان تومۇر تاشقى كېسەللكلەر مۇتەخەسسىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇزۇن ئولتۇرغاندا، پاقالچاق ۋە پۇت ۋېنا قان تومۇرلىرىغا نىسبەتەن چوڭ بېسىم پەيدا قىلىپ، قاننىڭ راۋانلىقىنى ئازايتىۋېتىدىكەن. شۇڭا ۋېنا قان نوكچىسىغا ئوخشاش قاننىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، ھەر 20 مىنۇت ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش ياكى مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ئارقىلىق پۇت قىسىمىدىكى قاننىڭ راۋانلىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
بوۋاسىر: تۈز ئۈچەي مەقئەت يولى ۋېناسىدىكى قاننىڭ تەتۇر ئېقىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئاسانلا قان قېيىش، ۋېنا كېڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاسىرنى پەيدا قىلىدۇ.
موسكۇللار يىگىلەش كېسەللىكى: قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئازىيىشىدىن موسكۇللارغا ئوكسىگېن يېتىشمەي، موسكۇللارنىڭ قېتىۋېلىشى، ئېچىشىپ ئاغرىشى، ھەتتا يىگىلەپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دىئابىت كېسەللكلىرى: ئۇزۇن ئولتۇرغاندا، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىئابىت كېسەللكلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئادەم جىمجىت تۇرغاندا، مۇسكۇلنىڭ قاندىكى گلۇكوزىنى سۈمۈرۈشى ئاستىلاپ، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. بىراق تەرتىپلىك ھەرىكەت ئىنسۇلىننىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

باش ئاغرىش: كىشىلەر C شەكلىدە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا، بويۇن كەينىگە قىيسىيىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ھالەت بويۇن نېرۋىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا، ئارقىغا يۆلىنىپ، بەدەننىڭ تىك قىياپىتىنى ساق، شۇ ئارقىلىق بويۇنغا چۈشىدىغان بېسىمنى كىچىكلىتىش كېرەك.

قەۋزىيەت: ئۇزۇن ئولتۇرغاندا، ئۈچەي يولىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئۈچەي يولىدىكى ماددىلار قۇرۇپ، تەرەت قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تىز سۆڭەك بۇغۇم ياللۇغى: تەتقىقاتلاردا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇزۇن ئولتۇرۇش سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق بوغۇمنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بەدەندىكى تىز بوغۇمى ئۇزۇن مەزگىل ئېگىلىش ھالىتىنى ساقلاشقا ماس كەلمىگەنلىكتىن، ئۇزۇن ئولتۇرۇش مۇسكۇللارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تىز سۆڭەكلىرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، تىز سۆڭەك بۇغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىككى قول ئارقىلىق ئورۇندۇقنى تىرەپ ئاندىن ئورنىدىن تۇرغان ۋاقىت، مۇسكۇللاردا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىت ئىكەن.

ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى: ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشلەردە ھەرىكەت ئاز بولغانلىقتىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ سىمپازما ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارىشى تۇرۇش ئىممۇنتېت كۈچى ئاجىز بولىدۇ، بۇ ھال بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ۋە مۇسكۇللارنىڭ زەخمىلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن پۇتۇن بەدەن ئېغىرلىقى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا چۈشىدۇ. بېسىمنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىقتىن بەل قىسمى ۋە قورساق قىسمىدىكى موسكۇللارنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، تۆۋەنكى بەل قىسىم موسكۇلىنىڭ ئاغرىشىنى ھەتتا ئومۇرتقا موسكۇلىنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولماسلىقتىن تارتىشىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

مەقسەت ئوقۇرمەنلىرىمىزنى قورقىتىش ئەمەس، پەقەت ئۇزن ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارغا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتىپ قويۇش. ھەممەيلەنگە ساقلىق يار بولغاي!

مەسئۇد


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ