<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆي - ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەت چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇپ، ئەركىنلىك ھېس قىلىدىغان جايىدۇر،

 

ئۆي ئىچىدە

 

دوكتۇر يۈسۈف ئەلقاراداۋى

 ئۆي - ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەت چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇپ، ئەركىنلىك ھېس قىلىدىغان جايىدۇر، ئۇنىڭدا جىسمى ئارام ئالىدۇ، كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ، شۇڭا ئاللاھ تائالا نېمىتىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن:

<< ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى >> [نەھل سۈرىسى7- ئايەت]

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆينىڭ كەڭ ـ ئازادىلىكىنى ياخشى كۆرەتتى، ھەمدە ئۇنى دۇنياۋى سائادەتنىڭ بىر ماددىسى دەپ قارايتتى، شۇڭا مۇنداق دېگەن:

«تۆت نەرسە سائادەتتىن: ياخشى ئايال، كەڭرى ـ ئازادە ئۆي، ياخشى قوشنا ۋە ياخشى ئات»

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى:

«ئى ئاللاھ، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىل، ئۆيۇمنى كەڭرى قىل، رىزقىمنى بەرىكەتلىك قىل»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ”ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ دۇئانى ئەجەب كۆپ قىلىلىغۇ؟“ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ دۇئادا تىلىمىگەن بىر نەرسىمۇ قالدىمۇ؟» دېگەن.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە پاكىزلىق دىنى بولغان ئسلامنىڭ بىر بەلگىسى بولۇش ئۈچۈن، ھەمدە مۇسۇلمان كىشىنى باشقا دىن مەنسۇپلىرىدىن ئالاھىدە ئايرىپ تۈرىدىغان بىر ئالامەت بولۇش ئۈچۈن ئۆيلەرنى پاكىز تۇتۇشقا تەشۋىق قىلاتتى.

 بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

«ئاللاھ پاكتۇر، پاكنى ياخشى كۆرىدۇ. پاكىزدۇر، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. سېخىدۇر سېخىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. مەردتۇر مەردلىكنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ھويلا ـ ئاراملىرىڭلارنى پاكىزلاڭلار، يەھۇدىيلارغا ئوخشىۋالماڭلار». 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ