ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆمەر قۇل: شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش خورلىنىش دېمەكتۇر

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-03-08 15:23:08 جەمئى 1393 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۆمەر قۇل: شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش خورلىنىش دېمەكتۇر

ئۆمەر قۇل: شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش خورلىنىش دېمەكتۇر
ئو گۈن خەۋەر تورىنىڭ يازغۇچىسى ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقفى رەئىسى ئۆمەر قۇل بۈگۈن 8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «8-مارتتا شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» ماۋزۇلۇق ئۇزۇن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئۇ ماقالىسىدە مۇنۇلارنى ئېيتتى: «بۈگۈن دۇنيادىن ئالاقىسى تامامەن ئۈزۈپ تاشلانغان ۋە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللار دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا.
بۇ تارىخىي دەۋردە شەرقىي تۈركىستاندا بىر ئايال بولۇش دۇنيانىڭ ئەڭ بەختسىز، ئەڭ مەسۇم، ئەڭ مەزلۇم ئىنسانلىرى بولۇش دېمەكتۇر.
شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش خورلىنىش دېمەكتۇر.
شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش خالىغان ۋاقتىڭىزدا ئانا بولالماسلىق دېمەكتۇر.
شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش كىيگەن ئۇزۇن كىيىملىرىڭىز كوچىدىلا، ھەممە ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدىلا كېسىپ تاشلىنىش دېمەكتۇر.
شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش ئۆز ئۆيى ئىچىدىمۇ خورلىنىش دېمەكتۇر.
شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش خىتايلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ياش قىزلىرىڭىزنىڭ خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇش دېمەكتۇر...»
ئۆمەر قۇل مۇشۇ تەرىقىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جىنايەتلىرىنى بىرمۇ بىر ساناپ ئۆتكەن ۋە خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن ئېغىر بېسىمدا ياشىشىغىمۇ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ