ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-08-23 11:35:32 جەمئى 4155 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)


ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئادىل ئىمام بولۇپ، دۇنياغا بېرىلمىگەن ئۇمەۋىيە خەلىپىلىكىنىڭ مەشھۇر خەلىپىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ تارىخىي ئىش- ئىزلىرى << توغرا يولغا باشلىغۇچى تۆت خەلىپە>> گە ئوخشاپ كېتەتتى. ئەنەس ئىبنى مالىك ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) ئۇنىڭ ھەققىدە مۇنداق دېگەن: << مۇشۇ يىگىتتەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ناماز ئوقۇيدىغان كىشىنى كۆرمىدىم>> دېگەن ئىدى. ئۇ بولسا ئەمىرۇل مۇئمىنىيىن مەرۋاننىڭ ئوغلى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ ئوغلى ئاسىمنىڭ قىزى لەيلا ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) ئىدى. ئۇ ھىجرەتنىڭ 61 يىلى مەدىنىدە توغۇلغان بولۇپ، تاغىسىنىڭ يېنىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ تاغىسى ۋە ساھابىلەرنىڭ تەربىيە ئالغان. كىچىك ۋاقتىدىلا <<قۇرئان كەرىم>> نى ياتلىغان ئىدى.
ھىجرەتنىڭ 87- يىلى ۋەلىيد ئىبنى ئابدۇلمەلىك مەدىنىگە ئەمىرى بولغان. ھىجاز زېمىنىنىڭ ھەممىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن `ھىجرەتنىڭ 91- يىلى تائىب ۋىلايىتىنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە قوشۇۋالغان. ئۇ بۇ مەزگىللەردە كىشلەر بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئەڭ ياخشى، مۇئامىلىلىرىدە ئەڭ ئادىل كىشى ئىدى. ئۇ قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا مەدىنىدىكى ئون نەچچە ئالىمنى يېغىپ مەسلىھەت سالاتتى. ئۇلارسىز بىرەر مەسىلىگە قارار بەرمەيتتى.
ئابدۇ مەلىكنىڭ ئوغلى سۇلايمان خەلىپە بولغاندا ئۇنى سىردىشى قىلىۋالدى، ھەمدە ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. ھىجرەتنىڭ 99- يىلى خەلىپە سۇلايمان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بىر پارچە مەكتۇپ يازغان بولۇپ، ئۇ مەكتۇبىدا ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆزىگە ئىزباسار بولۇپ خەلىپە بولۇشنى ۋەسىيەت قىلغان ئىدى.
ئۆمەرئىبنى ئابدۇلئەزىز خەلىپە بولغاندىن كىيىن مۇنبەرگە چىقىپ:<< ئې ئىنسانلار مەن سىلەرگە ئەمىر بولۇش بىلەن سىناققا دۇچ كېلىۋاتىمەن. بۇ خەلىپىلىك نە مىنىڭ خاھىشىم بىلەن، نە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بولمىدى. سىلەرنىڭ ئۈستىڭلاردىكى بەيئەتنى بىكار قىلىۋەتتىم. ئەمرنى ئۆزۈڭلار تاللاڭلار.>> دېگەندە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى: << ئې مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى سىنى تاللىدۇق ۋە سىنىڭ ئەمىرلىكىڭگە رازى بولدۇق. بەركەتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق ھالدا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلغىن! >> دېيىشتى. ئۇ خەلىپە بولۇپ دەل ئىككى يىل بەش ئاي تۆت كۈن ئۆتكەندە قول ئاستىدىكى بىر قىسىم زالىم ئەمىرلەر بۆلۈنۈپ چىقىۋېلىپ كىشلەرگە زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. ئۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ مەزلۇملارغا ياردەم قىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەتنى ئومۇملاشتۇردى. ئۇندىن باشقا ئىلىم- ئىرپاننى كېڭەيتىش، دۆلەت ئىشلىرىدا كېڭەش بىلەن ئىش قىلىشنى ئەمىللەشتۈرۈش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە قاتتىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ) ھىجرەتنىڭ 101- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 25- كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. ئاللاھ ئۇنىڭ ئادالىتى ۋە ياخشى ئەمەللىرىگە ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ