ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھەرقانداق بىر ھايۋان ياكى ئۈسۈملۈكنىڭ، دەل- دەرەخنىڭ ئۆمرى پەقەت ئاللاھنى زىكىر قىلىشى ئازلىغان ياكى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن توختىغاندا تۈگەيدۇ

ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئەجىلى قاچان توشىدۇ؟

      بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ قولىدا كۆندۈرۈش ۋە ئوۋلاش ناھايىتى تەس بولغان، قاناتلىرى چوڭ ۋە قاتتىق  بىر قاغىنى قولىدا قامالىغان ھالدا ساھابىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:ھەرقانداق بىر ھايۋان ياكى ئۈسۈملۈكنىڭ، دەل- دەرەخنىڭ ئۆمرى   پەقەت ئاللاھنى زىكىر قىلىشى ئازلىغان ياكى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن توختىغاندا تۈگەيدۇ.

     يەنە بىر ھەدىستە: تۇتۇلغان بىر قۇش، ياكى بىر بېلىق زىكىرنى ئازايتقانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلۇپ قالىدۇ، دېگەنىدى، دېيىلگەن.

     ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋە يەر يۈزىدە ئۈنگەن پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەجىلى ئۇلارنىڭ قىلغان زىكىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىكىرلىرى تامام بولغاندا ئۇلارنىڭ روھلىرى قەبزى قىلىنىدۇ.

      تەييارلاپ سۇنغۇچى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ