ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنگىلىيەنىڭ تېلىگىراف گېزىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەققىدىكى سىرلىرى ھەققىدە توختالغان ماتىرياللارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىلمىي بىر تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ باردى.

ئەنگىلىيەنىڭ تېلىگىراف گېزىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەققىدىكى سىرلىرى ھەققىدە توختالغان ماتىرياللارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىلمىي بىر تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ باردى.

تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق دۇنيادا ھازىرقى دەۋرىنىڭ ئۆزىدە ئۈچ دۆلەتىكى ئۈچ رايۇننىڭ دەۋرىداش ئىنسانلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكتىكى سىرلىرىنى بايقىغاندىن كېيىن بۇلارنى رەتلەپ ئېلان قىلدى.

بۇ ئۈچ دۆلەتتىكى رايۇنلارنىڭ بىرى يۇنانىستاننىڭ ئىكورا ئارىلى بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ يەردە راك كېسەللىكىگە، يۈرەك قان تۇمۇر تىقىلما كېسەللىكىگە، نېرۋا تۇمۇرلىرىنىڭ زەخمىگە ئۇچراش كېسەلىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش نىسپىتى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كۆپ دەرىجىدە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىكەن.

سىتاتىكىلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئارالدا ياشايدىغان ئىنسانلار ئاساسەن زەيتىن يېغى، كۆك -تاتنى كۆپ ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن،تەييار يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

ئىككىنچى رايۇن ياپۇنيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى بولۇپ، بۇ كىشىلەر ھەر دائىم بېلىق، يېشىل كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىدىكەن. بۇ ئارالدىكى كىشىلەردە قان تۇمۇر قېتىشىش، ھورمۇن بۇزۇقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر ئەڭ ئاز كۆرۈلىدىكەن. ياغ ئورنىدا زەيتىن يېغى ئىشلىتىش ئوموملاشقان ئىكەن.

ئۈچۈنچى رايۇن ئىتالىيەنىڭ ساردىنىيە ئارىلى بولۇپ ، بۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەر زەيتىن يېغى، كۆكتات ۋە قۇرۇق يېمىشلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىكەن. ھايۋان گۆشلىرىنى ئىستىمال قىلىش نىسپىتى يوق دېيەرلىك ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن قوشۇمچە قىلىنغان مەلۇماتلاردا پاكىز ھاۋا، چېنىقىش، مەلۇم بىر مۇساپىلىك يول يۈرۇش، كۈنىگە ئەڭ ئاز دېگەندە قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش. كېچىنىڭ ئۇيقۇغا ئۇيغۇن سائەتلىرىدە ئىلمىي بىر ئۇخلاش مۇھىتىدا ئۇخلاش قاتارلىقلارنى تەۋسىيە قىلغان.

شۇنداقلا مەنىۋىي جەھەتتىكى دېققەت قىلىدىغان تەرەپلەردىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى نەسىھەت خارەكتىرلىك سۆزلىرىنى قالدۇرغان. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بىر ئادەمنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: قەلبىڭ پاكىزە بولسۇن. ئاز تاماق يىگىن. ئاز ئۇخلىغىن.

ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرۈش ھەققىدىكى تەۋسىيەلەرنى خۇلاسىلىگەن ماتىرياللاردا يەنە ئىنساننىڭ خاپىلىقتىن يىراق بولۇشى، جىمجىت ، مۇھىتنى تاللاش ئەڭ مۇھىمى ئەقىدىلىك ، ئۆزى بىلەن چىقىشالىغان، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشالايدىغان ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئاكتىپ بولغان بىرى بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

ساغلىق ۋە ھاياتىن رەتلەندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ