ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىماننى تىرىك تۇتۇشتا ياردەمچى بولىدىغان ئەمەللەر

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2013-05-01 11:06:09 جەمئى 6192 قېتىم ئوقۇلغان.

ياخشى دوستلارنى تاللاپ تۇتۇش، ئەخلاقى،دىنى، خۇيى ناچار ئىنسانلاردىن يىراق تۇرۇش.
 

ئىماننى تىرىك تۇتۇشتا ياردەمچى بولىدىغان ئەمەللەر

 

1. ئۇيقۇدىن ئۇيغانغاندا، ئورنىدىن تۇرغاندا بىسمىلاھ ديىش.

2. بامدات نامىزىنى مەسجىتتە ئوقۇشقا غەيرەت كۆرسىتىش.

3 . ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ئاللاھتىن ھالال رىزىق تەلەپ قىلىش.

4 .ھەر ۋاقىت قەبرە ئازابىدىن ئاللاھتىن پاناھ تىلەش بىلەن مەشخۇل بولۇش.

5. ھەممىشە جەننەتكە كىرىش ئارزۇسى بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش.

6. بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن  ئوقۇشقا غەيرەت كۆرسىتىش.

7. سۈننەت نامازلارنى تەرك قىلماسلىق. مۈمكىن بولغىنىچە نەپلە نامازلارنى ئوقۇش.

8. نامازنى خۇشۇ ئىچىدە ئوقۇشقا تىرىشىش.

9. يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كىچەك ،  پۇل تېپىش تەرەپلەردە ئاللاھنىڭ غەزەپىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا  سېغىنىش ، ئۇنىڭ رازى بولىدىغان شەكىلدە ياشاشقا تىرىشىش.

10. ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن شەرەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن ھەر زامان شۈكۈر تۇيغۇسىدا ياشاش ۋە ئۇنى ئىپادىلەش.

11، قۇلاق، كۆز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق ئەزالىرى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ۋە شۈكۈرنى ئەمەلدە ئورۇنلاش.

12. دۇئانىڭ مەقبۇل  بولۇش سائەتلىرىنى پۇرسەت بىلىپ ، ئۇ سائەتلەردە دۇئا قىلىشقا ئەھمىيەت كۆرسىتىش.

13. قۇرئان ئايەتلىرىدىن يادا ئالغانلىرى بولسا ئۇنى تەكرارلاپ ئوقۇپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ مەنىسى بويىچە ئەمەل قىلىش.

14. يادا ئالغان ھەدىسلەر بىلەن ئەمەل قىلىشقا سەل قارىماسلىق.

15. دىننىي بىلىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەرز ۋە سۈننەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە ھەمىشە ئىلىم سورۇنلىرىدا بولۇش.

16 .قۇلاق ، كۆز ۋە باشقا ئەزالىرىنى ھارامدىن يىراق تۇتۇش. 

17.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ سالاۋات ئوقۇش.

18. كېسەل بولۇپ قالغانلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، زىيارەت قىلىش.

19. دىن قېرىنداشلىرىنىڭ جىنازە نامىزىغا قاتنىشىش ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش.

20 . ياخشىلىققا بويرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش.

21. دىن قېرىنداشلىرىغا نەسىھەت قىلىش.

22. دىن قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش. ئۇلارنىڭ مۈشكىلچىلىكلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش.

23. سۆزىدە تۇرۇش ۋە ئەھدە ۋاپا كۆرسىتىش.

 24. ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ  كۈزۈتۈشىدە  ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىدا ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.

25. پۇل- مال سەرپ قىلىشتا ئىقتىساتچانلىققا دېققەت قىلىپ، ھەرقانچا بار بولسىمۇ ئۇنى ئىسراپ بىلەن خەجلىمەسلىك، ئۇچۇرىۋەتمەسلىك، ھەم ئىنتايىن پىخسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق.

26. ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەن تۇغقانلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرۇش.

27. بەك خوش بولۇپ كەتكەن،ياكى ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ئەھۋالدىمۇ ھەدىدىن ئاشماسلىق.

.28. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىنى كەچۈرۈش، ئۆزىگە بەرمىگەنگە بېرىش.

29.  ياخشى كۆرگىنىنىمۇ ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئۆچ كۆرۈشنىمۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش.

30. سۈكۈناتى پىكىر ، قىلغان سۆزى زىكىر ، بىر نەرسىگە قارىشى ئىبرەتلىك بولۇش.

31. ئارىلىرىدىكى قېرىنداشلىقنى، مېھرى مۇھەببەتنى  كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەدىيەلىشىش.

32. ياخشى دوستلارنى تاللاپ تۇتۇش، ئەخلاقى،دىنى، خۇيى ناچار ئىنسانلاردىن يىراق تۇرۇش.

33. كۆپ كۈلمەسلىك، كۆپ كۈلۈشنىڭ قەلبنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق.

قەلبىنى ئىماندا تىرىك تۇتۇش ئۈچۈن تەۋبە ئىستىغفارنى ھەرگىزمۇ تاشلاپ قويماسلىق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ