ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىلھام توختى 2019- يىللىق نوبېل مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدىغان بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-31 12:25:32 جەمئى 4735 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىلھام توختى 2019- يىللىق نوبېل مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدىغان بولدى

ئىلھام توختى 2019- يىللىق نوبېل مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدىغان بولدى
30- ئۆكتەبىر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردە بلىدۈرۈلىشىچە، ئىلھام توختى 2019- يىللىق «نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلمەكچى بولغان.
خەۋەردە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي مەمۇرىي ئىشلىرى كومىتېتى يازما بايانات بېرىپ، ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
باياناتىدا، بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن ئىلھام توختىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
كومىتېت رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى كىرىس سىمىس يۇقىرىقى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، باشقا پارلامېنت ئەزالىرىنىمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ