ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىلھام توختى تۈرك دۇنياسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى ئېلان قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-26 18:03:30 جەمئى 3652 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىلھام توختى تۈرك دۇنياسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى ئېلان قىلىندى

ئىلھام توختى تۈرك دۇنياسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى ئېلان قىلىندى
ئۆز خەۋىرىمىز، 24 – نويابىر ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىشىشى بىلەن تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋاپاتىنىڭ 6 – يىلىدا پروفېسسور دوكتۇر تۇران يازغاننى ئەسلەش ۋە 2018 – يىللىق تۇران يازغان بۈيۈك مۇكاپاتى تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەت ئىستانبۇل شەھىرى ئەلى ئەمىرى كۈلتۈر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك پىكىر ۋە داۋا ئادىمى پروفېسسور دوكتۇر تۇران يازغاننىڭ ئىش ئىزلىرى، تۈرك خەلقىگە قىلغان خىزمەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
يىغىنغا ئاكادېمىك ساھەدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى رەئىسى كۆزخان يازغان سۆزلىدى


ئىلھام توختىنىڭ قىسقىچە ھاياتىنى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى ياشلار شۆبىسى رەئىسى فۇندا قىلىنچئارسلان تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىندا ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ئىنساندەك ياشىشى ئۈچۈن خىتاينى ئۆز قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا دادىللىق بىلەن چاقىرغان ۋە بۇ سەۋەبلىك ئىشغالچى خىتايلار تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دوكتۇر ئىلھام توختى بۇ يىللىق بۈيۈك مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ 2018 - تۈرك دۇنياسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى ئېلان قىلىندى ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سەنئەتچى رەھىمە ماھمۇت تاپشۇرۇپ ئالدى .
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يازغان : ئۇچراشقاندا ناملىق شېئىرىنى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەردەم ئۆزدەمىر ئۇيغۇرچە ئورۇنلاپ سورۇننى ھاياجانغا سالدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ