ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىلمانىزىمنىڭ كۆز قاراشلىرىغا پاكىت سۈپىتىدە كەلتۈرگەن دەلىللىرى
ئىلمانىزىمنىڭ كۆز قاراشلىرىغا پاكىت سۈپىتىدە كەلتۈرگەن دەلىللىرى

 

پەيلاسوپ كومىتنىڭ پاكىت كۆرسىتىشى

 

پەيلاسوپ كومىت ھېسسى ماددا مەرىپەتنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى دېگەن داۋاسىغا ئىنسانىيەت پىكىرىنىڭ تارىخىنى -گۇمانىچە- ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ دەلىل كەلتۈردى.

 

بىرىنجى باسقۇچى:

 

بۇ باسقۇچتا مەرىپەت دىندىن قوبۇل قىلىناتتى، كومىتنىڭ گۇمانىچە بۇ باسقۇچ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىبتىدائىي باسقۇچىدا يۈز بەرگەن.

 

ئىككىنجى باسقۇچ:

 

بۇ باسقۇچتا مەرىپەت پەقەتلا ئەقلى نەزەر يۈرگۈزۈش يولى ئارقىلىق ھاسىل بولاتتى، ئىنسانىيەت ئىبتىدائىي دىني باسقۇچىدىن تەرەققى قىلىپ يوقىرى پەللىگە يەتكەندە بۇ باسقۇچنى تونۇپ يەتكەن دەپ داۋا قىلىدۇ.

 

ئۈچىنجى ۋە ئاخىرقى باسقۇچ:

 

بۇ بۇسقۇچتا ئىنسانىيەت مەرىپەتنى ھېسسى ماددىدىن ھېسسى ئەزالىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن، بۇ مەرىپەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەن باسقۇچىدۇر، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ تەرەققى قىلغان باسقۇچ كەلمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلىدۇ.

 

بۇنىڭ مەنىسى ئەقىل دىننى مىراس ئالغان، ھېسسى مەرىپەت بولسا ئەقىل ۋە دىننى تەڭ مىراس ئالغان دېگەنلىك بولىدۇ.

 

مانا بۇ ئىلمانىزم، ئىلمانىزمنىڭ ئاساسلىرى ۋە پاكىتلىرى، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئالاقىدار ئەقىدە ۋە ئىستىلىدۇر.

 

ئىلىمانىزمنى، ئۇنىڭ ئاساسلىرى ۋە پاكىتلىرىنى مات قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ قاراشلار بىلەن ئالدانغان ئىلمانىلارنىڭ تۆت خىل سۈرىتىنى بايان قىلىمىز:

 

بىرىنجى سۈرەت

 

كومىتنىڭ شاگىرتى گىرمانىيەلىك پەيلاسوپ فىيرباچ (Feuerbach)  ،  (1804-1872  ) مۇنداق دەيدۇ:

 

ئاللاھ بىرىنجى باسقۇچتىكى ئېڭىم ئىدى.

 

ئەقىل ئىككىنجى باسقۇچتىكى ئېڭىم ئىدى.

 

ئىنسان رېئال مۇھىتى بىلەن ئۈچىنجى ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئېڭىمدۇر.

 

فىيرىباخ ئىنسانىيەت دىندىن ئىلىم-پەنگە ئاندىن ھېسسىي بىلىمگە تەدرىجى ئۆرلىگەن دېگەن قاراشتا ئۇستازى كومىتقا ئەگىشىدۇ. فىيرىباخ ئۈچىنجى باسقۇچنى ئىنسان بىلەن ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇستازى كومىت ماددى بىلىمنى دىنى مەرىپەتلەرنىڭ ئورنىغا چۈشۈرگەن، ئىبادەت ۋە مۇقەددەس بىلىشتە ئىنسانىيەتنى ئاللاھنىڭ ئورنىغا قويغان ئىدى!.

 

ئىككىنجى سۈرەت

 

پەيلاسوپ جىيمىس سىتىۋىن مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئىنسانىيەت ھاياتى دەسلەپقى يېتىلىش باسقۇچىدا ئىلىم-پەننىڭ سۈپەتلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرگەن بولسا، ئۇ چاغدا دىنغا ئېھتىياج قالمىغان بولاتتى. دىننىڭ پايدىسى نېمە؟ ئۇنىڭ نېمە ئېھتىياجى؟ بىز دىن بولمىسىمۇ يولىمىزنى ماڭالايمىز. گەرچە ئىلىم-پەن تەقدىم قىلىۋاتقان كۆز قاراش بىز ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىنى بېرەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىمىزدا ھوزۇر ئېلىۋاتقان نەرسىدىن كۆپرەك نەرسە بېرىشكە كېپىلدۇر.

 

ئىلىم پەن ئاللاھغا ياكى كەلگۈسى ھاياتقا مۇھتاج بولمايمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قەدىمىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ. ئىلاھشۇناسلىق بىلەن دىيانەت ئۆلىدۇ، لېكىن بىز دىن بولمسىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە قادىرمىز».

 

ئۈچىنجى سۈرەت

 

  19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئاستورنومىيە ئالىمى لافلاس (Pierre Simon de Laplace (1749-1827   نىڭ: «ئاسمان جىسىملىرى» ناملىق كىتاۋى نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ناپالىيۇن ئۇنىڭدىن بىر سوئال سورىدى. لافلاس ئۇ كىتاۋىدا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى شەرھىلىگەن ۋە ئۇ جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاپتوماتىك قانۇنىيەتلەرگە باغلىغان ئىدى. ناپالىيۇن ئۇنىڭدىن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنتىزامغا سېلىشتىكى ئىلاھى قۇدرەتنىڭ تەسىرى قانچىلىك؟ دەپ سورىغاندا، لافلاس: مەن ئاسمان تۈزۈملىرىدە ئىلاھنىڭ تەدبىرى دېيىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۇچراتىمىدىم دەپ جاۋاب بەردى.

 

لاپلاسنىڭ كېيىنچە بۇ ئاتېزىم ئېتىقاد قارىشىدىن يانغانلىقىنى بايان قىلىشىمز ئىنساپنىڭ جۈملىسىدىندۇر، كېيىن ئۇ بۇ ساھەدىكى ئىلمى كەشپىياتلىرىنى ئىلاھى قۇدرەتنىڭ كاتتىلىقىغا دەلىل قىلىپ قوللانغان.

 

تۆتىنجى سۈرەت

 

پەيلاسوپ روسېل (Bertrand Russell)(1872-1970م) ئىلمانىزمچىلارنىڭ ئەقىدە ۋە ئىدىيەلىرىنى خۇلاسىلاپ مۇنداق دەيدۇ:

 

  «ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ ئارقىسىدا غايە ياكى تەدبىر يوق. ئىنساننىڭ يارىتىلىشى، ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، ھاياتى، قورقۇنچىلىرى، ھېسياتلىرى ۋە ئەقىدىلىرى جىسمىنىڭ زەررىلىرىنىڭ تاسادىپى بىرلىشىپ قالغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ ماھارىتى ياكى قەھرىمانلىقى ياكى ئىدىيىسى ياكى تۇيغۇسى ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. ئىنساننىڭ ئەۋلاتلار بويى ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى قوياش سېستىمىسىنىڭ تۈگىشى بىلەن يوقۇلۇپ تۈگەيدۇ. ئۇ قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ئۇتۇق ۋە ئۇ بەرپا قىلغان مەدەنىيەت كائىناتنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن كۆمۈلۈپ تۈگىشىدۇ».

 

ئىلمانىزمچىلار پاكىتلىرىنىڭ نەتىجىسى

 

ئىلمانىلار توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان يوقىرىقى تۆت خىل سۈرەتنى يۈزەكى قاراشتىنلا ئىلمانىزىمنىڭ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ياكى تەدبىر قىلغۇچىسى بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ئاتېزم ماتېريالىزمچى ئېقىم ئىكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 

ئىلمانىزىمنىڭ نەزەرىدە كائىنات ۋە كائىناتتىكى ئىنسان، ئۆسۈملۈك، ھايۋان تاسادىپى يارىتىلىپ قالغان. بۇ نەرسىلەر مەقسەتلىك ۋە مۇئەييەن ئىرادىنىڭ تەسىرى بىلەن يارىتىلغان ئەمەس، ئىنسانىيەت دىن بولمىسىمۇ بەختلىك ياشاشقا قادىر. ماددىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھاياتلىقنىڭ سىرلىرىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان  ۋە ھاياتلىقتىكى ھەر قانداق يېڭىلىقنى پەيدا قىلىپ بېرىدىغان ئاساستۇر. كائىناتنىڭ ئاقىۋىتى ماددى قانۇنىيەتلەرنىڭ توختىشىغا باغلىق... مانا بۇلار ئىلمانىزمنىڭ قاراشلىرى.

 

مانا بۇ ئىلمانىزمنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى، كۇپۇرلۇق بۇنىڭدىنمۇ ئوچۇق بولماس، بۇلار ئۆزلىرىنى ئىلىمگە يالغاندىن نىسبەت بېرىۋالغان جاھىل ۋە نادانلاردۇر. جاھىل ئىلمانىزىم ئۆزلىرى نىسبەت بېرىلىۋالغان ئىلىم-پەن ئۆلچەملىرى بىلەن بەربات بولىدۇ، بۇ تېما ھەققىدە تۆۋەندىكى بەتلەردە توختىلىمىز.

 

ئىلمانىزمنى مات قىلىش

 

يالغاندىن ئىلىم-پەنگە نىسبەت بېرىلىۋالغان «ئىلمانىزم» تەنقىدكە ئۇچرىغاندەك بىرەر پەلسەپە تەنقىدكە ئۇچراپ باقمىدى، ئىلىم-پەن ئىلمانىزمدىن بىزار. ئالىملار ۋە ئەقىللىق كىشلەر ئىلمانىزمنى تەنقىد قىلىپ تەلتۆكۈس مات قىلىۋەتتى. ئىلمانىزمنى تەنقىد قىلغان ۋە مات قىلغانلار ئىچىدە مۇئەييەن دىنغا تەۋە ئەمەس ئالىملارمۇ بار، ئۇ ئالىملارنىڭ بىلىمى ئۇلارنى بۇ كائىناتنى ياراتقان ۋە كائىناتنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالىدىغان كۈچلۈك بىر زات بار دېگەن ئىشەنچىگە ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى شەك بىلەن باشلاپ ياكى ئىلاھنى ئىنكار قىلىپ ئاندىن ئىلىم-پەننىڭ تەسىرى ئارقىلىق ياراتقۇچى ئاللاھغا ئىشەنگەن ئالىملارمۇ بار.

 

تۆۋەندە ئالىملارنىڭ ئىلمانىزمنى ھەر تەرەپتىن تەنقىد قىلغان ۋە مات قىلغان نەمۇنىلىرىنى بايان قىلىمىز، كومىتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭ تارىخىنى ئىلگىرى بايان قىلىنغان ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەنلىك گۇمانىدىن باشلايمىز. كومىت ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭ تارىخىنى: ئىنسانىيەت ئېڭىنىڭ دىندىن ئەقىل باسقۇچىغا كۆچىشى ئاندىن ئەقىل ۋە دىندىن ھېسسى ماددى ئىلىم باسقۇچىغا كۆچىشى دەپ بۆلگەن ئىدى.

 

ئىلمانىلارنىڭ بۇ دەلىلىنى ئالىملار ئۈچ نوقتىدىن مات قىلدى:

 

بىرىنجى: ئىنسانىيەت ئېڭىنى مۇنداق بۆلۈش بارلىق ئىنسانلار ئاڭ باسقۇچىنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ يالغۇز ياۋرۇپا ئېڭىنىڭ باسقۇچىغا ئۇيغۇندۇر. چۈنكى ياۋرۇپا «قىددىس بولىس ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا چۈشكەن مەسىھ» دېگەن قارارنى ئالغان نىيقە بىرلەشمىسىدىن كېيىن، مىلادىيە تۆتىنجى ئەسىرنىڭ بىرىنجى چارىكىدىن باشلاپ چىركاۋنىڭ دىني ئىدىيىسىگە بويسۇندى. ئاندىن 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدىن باشلاپ ئاقارتىش دەۋرى ئارىلىقىدا ئەقلى پىكىر (ئاڭ)گە بويسۇندى. ئاندىن 1789- يىلى فىرانسىيە ئىنقىلاۋى قوزغالغاندىن تارتىپ ئىلمانىزم ئىدىيىسىگە بويسۇندى.

 

ئەگەر بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭ تارىخىنى يوقىرىقىدەك بۆلۈشنى ياۋرۇپاغا خاس دەپ قارىساقمۇ، ئۇ ياۋرۇپانىڭ ئاڭ باسقۇچىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ باھا چىركاۋ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى باسقۇچقا سەل قارىغان بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا ياۋرۇپا ئەقلى خاراكتىرگە ئىگە گىرىك مەدەنىيتىگە بويسۇنغان ئىدى.

 

ئىككىنجى: پەيلاسوپ كومىت ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭ تەرەققىياتىنى سۈپەتلەشتە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ۋەزىيەتنى ئەكسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. توغرىسى: «ئىنسانىيەت ئېڭى ھېسسى مەرىپەتتىن ئەقلى مەرىپەتكە ئاندىن دىنى مەرىپەتكە كۆچتى». بۇ دىن سېلىشتۇرمىلىرى ئالىملىرىنىڭ نەزەرىدە بىرلىككە كېلىنىگەن مەسىلىگە ئايلانغىلى تاس قالىدۇ. ئۇ قاراشنى كېچىك بالىنىڭ نەزەرىدىكى پىكىرنىڭ ھېسسى نەرسىدىن ئەقلى نەرسىگە ئاندىن دىنى مەرىپەتكە تەرەققى قىلىدىغانلىقى تەكىتلەيدۇ. دىنى مەرىپەت ئىنسانىيەت يېتىپ بارغان ئەڭ يوقىرى باسقۇچتۇر، كومىت بولسا دىنى مەرىپەتنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ تۆۋەن باسقۇچ قىلىپ بەلگىلەيدۇ.

 

ئۈچىنجى: بۇ باسقۇچلار بىر بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى ھەر بىر ئىنسان ھاياتىدا خىزمەتداش ھەمرا شەكلىدە خىزمەت قىلغاندەك ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە بىر بىرىگە ھەمرا ھالىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەرىپەتنىڭ مەنبەلىرى، ھەر بىر مەنبەنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ساھەسى بار. دىني مەرىپەت ھېسسى ۋە ئەقلى مەرىپەتنى تۈزلەپ تۇرىدۇ ۋە خاتالىقتىن ساقلايدۇ.

 

ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان نوقتىغا يەنە بىر نوقتىنى قوشىمىز: كومىتنىڭ پەلسەپىسى ياكى جەمىيەتنى سۈپەتلىشى قىسمەن غەرب دۇنياسىغا ئۇيغۇن كەلسىمۇ ئىسلام دۇنياسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىسلام دىنى شەرق دۇنياسىنىڭ ئىدىيىسىنى ياۋرۇپا بېسىپ ئۆتكەن ئارقىغا چېكىنىش ھالىتىدىن ساقلاپ قالدى. دېمەك، كومىتنىڭ كۆز قارىشى بارلىق ئىنسانىيەت ئىدىيىسىگە ياكى ياۋرۇپا ئىدىيىسىىگە ئۇيغۇنمۇ كەلمەيدۇ، ئۇ ھەر جەھەتتىن رەت قىلىنىدۇ.

 

ئەمما كومىتنىڭ «دىن ئاقىۋەت يوقۇلىدۇ ۋە زاۋاللىققا ئۇچرايدۇ» دېگەن داۋاسىنى مات قىلىشقا غەربلىك كۆپلىگەن مۇتەپەككۈرلەر ھەسسە قوشۇشتى.

 

پەيلاسوپ مۇتەپەككۈر ئارنىست رىينان (Ernest Renan)  ،  (1823-1892  ) مۇنداق دەيدۇ: «ھەممە نەرسە يوقۇلىشى مۈمكىن، لېكىن دىننىڭ يوقۇلىشى ياكى ئورنىنى يوقىتىشى مۈمكىن ئەمەس، دىن ماتېريالىزىم ئىدىيىسىنىڭ باتلىققىغا ھۆججەت بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ».

 

دوكتۇر ماكىس نوردۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ (يەنى دىنىي) تۇيغۇ ئىنساندىكى ئەسلى تۇيغۇ، بۇ تۇيغۇنى ئۆتكۈر ئادەم ھېس قىلغاندەك بىلىمسىز ئادەممۇ ھېس قىلالايدۇ. ئىنسانىيەت مەۋجۇد بولىدىكەن دىنلار مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن دىنلار تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ، دىن ئىنسانىيەت يېتەلىگەن ئەقلى مەدەنىيەت بىلەن ماسلىشىپ تۇرىدۇ».

 

دىنىي تۇيغۇ بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئورتاق تۇيغۇ، ئىلاھ ۋە تەبىئەتتىن يوقىرى نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىنساندىكى مەڭگۈلۈك تۇيغۇ. دىنىي تۇيغۇ ھەرگىز يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ، لېكىن ماددى مەدەنىيەت ئىسراپچىلىق باسقۇچىدا ئاجىزلىشىشى مۈمكىن.

 

ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە پەلسەپىسىز مىللەتلەر تېپىلىشى مۈمكىن، لېكىن دىنسىز مىللەتنىڭ تېپىلىشى مۈمكىن ئەمەس.

 

مانا بۇلار ئىلمانىزمنى سىرتقى جەھەتتىن مات قىلىشقا ئالاقىدار تەرەپلەر يەنى نەزەرىيىۋى پاكىتلار. ئەمما ئىلمانىزمنىڭ ئاساسلىرىنى ئالىملار تەرەپ-تەرەپتىن تەنقىد قىلىپ مات قىلىپ تاشلىدى، بارلىق تەسەۋۋۇرلىرىنى كەسكىن پاكىتلار بىلەن يوققا چىقاردى.

 

تۆۋەندىكى بەتلەردە ئىلمانىزمنىڭ پاكىتلىرىغا بىر-بىرلەپ رەددىيە بېرىمىز:

  

داۋامى بار...


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ