ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونلارنىڭ تاكتىكىسى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونلارنىڭ تاكتىكىسى

(تەرجىمە ئەسەر)

يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسكىرىڭىز، ئايروپىلانىڭىز، تانكىڭىز ۋە بېنزىنىڭىز بولمىسا، ئارقا سەپ تەمىنات قىسمىڭىزمۇ بولمىسا، قانداق ئۇرۇش قىلالايسىز؟ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىز بىلەنمۇ؟

شۇنداق، ياپونلار شۇنداق قىلدى.

1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسى شەرقى ئاسىيادىكى فىلىپپىن، بېرما قاتارلىق بارلىق دۆلەتلەردىكى ياپونىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، نىشانىنى بىۋاستە ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالدى بىلەن ياپونىيەنى بومباردىمان قىلىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ ئىۋو جىما (Iwo Jima) ئارىلىنى ئېلىشنى پىلانلايدۇ. ئىۋو جىما ئارىلى ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكيان تەرىپىدە بولۇپ، كۆلىمى 21 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك بىر ئارال ئىدى. بۇ ئارالدا بىر ئايرودۇرۇم بولۇپ، توكيو بىلەن بولغان ئارىلىقى 1200 كىلومېتىر كېلەتتى. ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ئارالنى ئالالىسا، ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي بازىغا ئىگە بولاتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىۋو جىما ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى گېنېرال چېستېر ۋىليام نىمىز (Chester William Nimitz) غا تاپشۇرۇلىدۇ. گېنېرال ئەسكەرلىرىگە خىتاب قىلىپ، «قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ئىۋو جىما ئارىلى چوقۇم ئېلىنىشى كېرەك» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىۋو جىما ئارىلىنى قورشاپ، بىرنەچچە كۈن قاتتىق كۆزىتىدۇ. چۈنكى ئامېرىكىلىقلار Guadalcanal (سولومون تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر ئارال) ۋە فىلىپپىنلاردىكى ئۇرۇشلاردا ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى قارشىلىقلارغا ئۇچراپ، ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولغاچقا، بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلاتتى. گېنېرال چېستېر بولسا بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭمۇ ئۆلۈشىنى خالىمايتتى. كۆزىتىش نەتىجىسىدە، ئارالدا بىر كىچىك ئايرودۇرۇم، ئىككى بېلىقچى مەھەللىسى ۋە ئارالنىڭ بېشىدا پەقەت 200 ئەتراپىدا ياپون ئەسكىرى بولۇپ، ئارال جىمجىتلىققا چۆمگەندەك قىلاتتى. دېمەك، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئاسان بولىدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى ئارال مۇداپىئەسىز بولۇپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن كەلگۈسىدە ياپونلۇقلارنى بومبىلايدىغان ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئۇچىدىغان بۇ ئارالنى ئېلىش گويا كەيپلىك بىر يازلىق تەتىلىدە ئايلىنىپ كەلگەنگە ئوخشاش بىر ئىش ئىدى. دېمىسىمۇ 21 كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىر ئارالغا قانچىلىك ياپون ئەسكىرى يوشۇرۇنالايتتى.

1945-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى بارلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلارغا ئارالنى بومباردىمان قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلىدۇ. ئىۋو جىما ئارىلى 75 سائەت شىددەتلىك توپقا تۇتۇلىدۇ. ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئارالدا بىرەر تۈپ گىياھمۇ قالمىغۇدەك دەرىجىدە بومباردىمان قىلىدۇ. بۇ ئېغىر بومباردىماندىن كېيىن 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ 30 مىڭ ئەسكىرى بىرلا ۋاقىتتا ئىۋو جىما ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بەكمۇ ئاجىز بىر قارشىلىققا ئۇچرايمىز، دەپ ئويلاشقان ئىدى. ئەمما بۇ كىچىك ئارال ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تاكى شۇ كۈنگىچە شەرقىي ئاسىيادا ئېلىپ بارغان بارلىق ئۇرۇشلىرى ئىچىدە ئەڭ قاتتىق ۋە تارىختا ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئۇرۇش مەيدانى بولۇپ قالىدۇ.

ئىۋو جىما ئارىلىدا ياپونىيەنىڭ 25 مىڭ ئەسكىرى بار بولۇپ، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانى تاداماچى كۇرىبىياشى (‏Tadamaçi Kuribiyaşi) ئىدى. ئۇ ئامېرىكا ۋە كانادالاردا تەربىيەلەنگەن بولۇپ، ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە قەيسەر بىر قوماندان ئىدى.

تاداماچى كۇرىبىياشى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئارالنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ياخشى بىلگەچكە، شۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورايدۇ. چۈنكى ئەسكىرى، يېمەك-ئىچمەك، ئوق-دورا، تانكا، بىرونېۋىكلىرى ئۈچۈن يېقىلغۇ... قاتارلىقلار يېتەرسىز ئىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بولسا ئۇنىڭ تەلىپىگە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم قىلالمايدىغانلىقى، ئۆز كۈچىگە تايىنىشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ. بۇ جاۋابنى ئالغان تاداماچى كۇرىبىياشى قاتتىق ئويلانغاندىن كېيىن بىر قارارغا كېلىپ، ئەسكەرلىرىگە پۈتۈن ئارالدا يەر ئاستى يولى كولاش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ياپونىيە ئەسكەرلىرى بىر ئاي پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ، بۇ كىچىك ئارالنىڭ ئاستىغا گويا چۈمۈلە ئۇۋىسىنى ئەسلىتىدىغان يەر ئاستى يولى قېزىپ چىقىدۇ. بۇ يەر ئاستى يولىنىڭ ئۇزۇنلىقى 25 كىلومېتىر بولۇپ، 1500 يېرىدە كىرىپ-چىقىش ئېغىزى بار ئىدى. بۇ يەر ئاستى يوللىرىدا 25 مىڭ ياپون ئەسكىرى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولۇپ، ئېغىر بومباردىمان جەريانىدا ئامېرىكىلىقلارنى ئالداپ قويۇش ئۈچۈن پەقەتلا بىرقانچە توپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ توپلار جىمىقتۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى خاتىرجەم بولۇشقان ئىدى.

1945-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 30 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ئىۋو جىما ئارىلىغا ئاياغ باسقان ۋاقىتتا 25 مىڭ ياپون ئەسكىرى بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كەيپلىك يازلىق ساياھىتىنى گويا دوزاخقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. دەسلەپكى ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 2000 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىملىرىنىڭ توپ ئوقلىرى، ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ بومباردىمان قىلىشلىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. 25 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى يولىنىڭ 1500 ئېغىزىدىن بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۆتكەن ياپون ئەسكەرلىرى يېرىم سائەتلىك «بانزاي ئۇرۇشى» (Banzai «تۈمەن مىڭ يىل ياشىسۇن» مەنىسىدە بولۇپ، ياپون ئەسكەرلىرى ئۇرۇش جەريانىدا «ياپونىيە تەڭرىقۇتى تۈمەن مىڭ يىل ياشىسۇن» دەپ ۋارقىراپ ئۇرۇش قىلغاچقا، بۇ جەڭ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان-ت) دىن كېيىن تانكىلىرى بىلەن قايتا غايىب بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئىۋو جىما ئارىلىدا تۇنجى قېتىم بىر سىرلىق ئەسكەرلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى.

دېمەك، تاداماچى كۇرىبىياشى ئۆزىنىڭ دېڭىزدىمۇ، ھاۋادىمۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىمۇ ئۆزىدىن ئۈستۈن بىر ھەربىي كۈچ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان بولۇپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى كۈچلۈك دۈشمەن ئەسكىرى كۈچىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشنى يەر ئاستىغا يۆتكىگەن ئىدى. ئۇ يەنە بارلىق ئەسكەرلىرىگە ئاخىرىغىچە قارشىلىق كۆرسىتىش، ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا دۈشمەنگە تىرىك قولغا چۈشمەسلىك توغرۇلۇق قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

ئىۋو جىما ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 76 مىڭ بولۇپ، ياپونىيە ئەسكەرلىرىدىن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يېتەرلىك قورال، ئوق-دورا، توپ-زەمبىرەكلەرگە ئىگە بولغاندىن سىرت، يۈزلىگەن پاراخوت ۋە ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلارغا ئىگە ئىدى.

ئۇرۇشنىڭ 5-كۈنىنىڭ ئاخىرقى سائەتلىرىدە ئامېرىكىلىقلار دېڭىز ساھىلىدىن ئارالنىڭ ئىچىگە قاراپ پەقەتلا 450 مېتىر ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرمەكچى بولغىنىدا، ياپون ئەسكەرلىرى بىردىنلا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا پەيدا بولۇپ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئارالغا چىققانلار ئارالنى قورشاپ ياردەم بېرىپ تۇرغان يۈزلىگەن پاراخوت، تولۇق ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ياپونلاردىن ئىككى ھەسسە كۆپ ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق، ھە دېگەندە ياپون ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا چۈشۈپ قالىدۇ.

تاداماچى كۇرىبىياشىنىڭ ئاخىرغىچە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە قەتئىي تىرىك قولغا چۈشمەسلىك تاكتىكىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدە قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. ئارالغا چىققان 76 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ئۇرۇشنىڭ 20-كۈنىدە ئارانلا بىر ياپون ئەسكىرىنى تىرىك قولغا چۈشۈرەلەيدۇ.

ئىۋو جىما ئارىلىدىكى ئۇرۇش، ئارقىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى بولغان 76 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىگە قارشى ئىنتايىن چەكلىك قورال-ياراغ، ئوق-دورىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان 25 مىڭ ياپون ئەسكىرىنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك بىر قەھرىمانلىق ئۇرۇش ھېكايىسىدۇر. بۇ ئۇرۇشتا 200 ئەتراپىدىكى ياپون ئەسكىرى ئەسىرگە  چۈشۈپ قالغاندىن باشقا، قوماندان تاداماچى كۇرىبىياشى قاتارلىق 25 مىڭغا يېقىن ياپون ئەسكىرى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، قۇربان بولىدۇ. بۇ ئۇرۇش 36 كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئۇرۇشتا ياپونلار ئارالغا ئاياغ باسقان ھەر ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرىدىن بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئىۋو جىما ئارىلىدا 25 مىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن بولۇپ، يەنە 30 مىڭ ئەسكىرى يارىدار بولىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئامېرىكىنىڭ تاكى شۇ كۈنگىچە شەرقى ئاسىيادىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تۆلىگەن ئەڭ ئېغىر بەدىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

 

 

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ