<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەگەر ئاللاھ ئەمىر قىلغان بولسام ئۇنىڭغا جان- دىلىمدىن رازىمەن.

 

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە قۇربانلىق

  

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام نەمرۇدنىڭ ئۇنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ياققان ئوتىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن   ئى رەببىم ! ماڭا سالىھلاردىن بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن! دەپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭغا ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام بىلەن خۇش بىشارەت بەردى. قۇرئان كەرىمدە:« بىز ئۇنىڭغا ھەلىم بىر ئوغۇل بىلەن خوش بىشارەت بەردۇق» دېدى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام ھەجەر ئانىمىز بىلەن ئوغلى ئىسمائىلنى  مەككىگە قويۇپ شام دىيارىغا قايتىپ كەتتى. پات- پات مەككىگە بېرىپ ئۇلارنى زىيارەپ قىلىپ تۇراتتى. يۈزىدە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن پاك ئەجدادى بولغان نۇر بولغان ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام ناھايىتىمۇ چىرايلىق ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام ئوغلى ئىسمائىلنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام يەتتە يېشىغا  يەتكەندە ( بەزى رىۋايەتلەردە 11 ياكى 12 ياش دېيىلىدۇ) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مېھراپتا ئولتۇرۇپ مۈگدەپ قالىدۇ. چۈشىدە ئوغلى ئىسمائىل بىلەن ئولتۇرغاندا بىر پەرىشتە كېلىپ؛ مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن، ئاللاھ سېنى بۇ ئوغلۇڭنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىدى دېدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام چۈشىدىن قورقۇپ ئويغاندى.ئۇ: بۇ چۈش ئاللاھتىنمىدۇ ياكى شەيتاندىنمۇ؟ دەپ تەرەددۈتلەندى. ئۇ پۈتۈن بىر كۈن بۇ چۈش ھەققىدە ئويلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈن يەنە شۈبھىلىك كۈن، ئىككىلىنىش كۈن مەنىسىدىكى  تەرۋىيە دەپ ئاتالدى.ئىككىنچى كۈنى كېچىسى ئوخشاش چۈشنى يەنە كۆردى. شۇ چاغدا بۇ چۈشنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. بۇ كۈن بىلمەك، تونۇماق مەنىسىدە بولغان ئەرەفە كۈنى دەپ ئاتالدى. ئۈچىنچى كۈنى يەنە ئوخشاش چۈش كۆردى. مانا بۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدا  بۇنىڭ ھەقتەئاللاھنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھىسى قالمىدى. ئۇ ئايالى ھاجەر ئانىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ھەجەر ! كۆزۈمنىڭ نۇرى بولغان ئىسمائىلغا ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن، چاچلىرىنى تارىغىن، مەن ئۇنى دوستۇمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمەن، دېدى. ئاندىن ئوغلى ئىسمائىلغا : سەن ئارغامچا بىلەن پىچاق ئالغىن، دېدى. ئوغلى: بۇلارنى نېمە قىلىمىز؟ دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق بۇغۇزلايمىز، دېدى. يولدا كېتىۋاتقاندا ئىسمائىل دادىسىدىن:

- نەگە بارىمىز؟ دەپ سورىدى

- دوستۇمغا.

- دوستۇڭنىڭ ئۆيى قايەردە؟

- ئۇ شۇنداق بىر دوستكى، ئۆي تۇتۇشتىن، بىر ماكاندا بولۇشتىن پاكتۇر. ئاسمان – زېمىن ئۇنىڭ مۈلكىدۇر.

- ئى دادا، ئۇ بىزنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ يەپ­ – ئىچەمدۇ؟

- ئۇ يېمەك- ئىچمەكتىن پاكتۇر.

بۇ ئەسنادا شەيتان بىر پۇرسەت تېپىپ، قېرى بىر ئادەم سىياقىدا  ھاجەر ئانىمىزنىڭ يېنىغا كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: ئىبراھىم ئوغلۇڭنى قايەرگە ئېلىپ ماڭدى، دەيدۇ؟ ھاجەر ئانىمىز: بىر دوستىنىڭ يېنىغا زىيارەت ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى، دەيدۇ.

شەيتان: ياق، ئۇنى بۇغۇزلاش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى، دەيدۇ.

ھاجەر ئانىمىز: بىر دادا ئوغلىنى ھەرگىزمۇ بوغۇزلىمايدۇ، شەپقەت ئۇنداق قىلغۇزمايدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. قېرى ئادەم سىياقىدىكى شەيتان: مېنىڭ گۇمانىمچە ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنداق ئەمىر قىلغان، دەيدۇ. ھاجەر ئانىمىز:

-  ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئەمرىگە بوي سۇنماق لازىم. ئاللاھنىڭ ئەمرىنى جان- دىلىمىز بىلەن قوبۇل قىلىمىز، بويسۇنىمىز دەيدۇ؟

شەيتان ئۇنى ئازدۇرالمىغاندىن كېيىن شۇ سىياقىدا ئىسمائىلنىڭ يېنىغا كېلىپ؛ ئۇنىڭدىن : داداڭ سېنى قايەرگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.                                                                                                                                                                                                           دوستىنىڭ زىيارىتىگە ئېلىپ ماڭدى.

- ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى بۇغۇزلاشقا ئېلىپ ماڭدى.

دادىلار بالىلىرىنى بۇغۇزلارمۇ؟

گۇمانىمچە ئاللاھ شۇنداق ئەمىر قىلمىش.

ئەگەر ئاللاھ ئەمىر قىلغان بولسام ئۇنىڭغا جان- دىلىمدىن رازىمەن.

ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام قېرى ئادەم سىياقىدىكى شەيتاندىن بىزار بولغان ئىدى. چۈنكى، بۇ قېرى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى دادىسى سەۋەپلىك ئۇلۇغ ھەقتەئاللاھقا ئاسىي بولۇشقا كۈشكۈرىتىۋاتتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن دادىسىغا:

دادا بۇ قېرى مېنى بىزار قىلىۋەتتى، ماڭا ۋەسۋەسە قىلىۋاتىدۇ. دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: تاش ئاتقىن، يېنىڭدىن يىراقلاشسۇن، دېدى.  

ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام تاش ئېتىش ئارقىلىق شەيتاننى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇردى.

بۇنىڭ بىلەن مىنادا تۇرغاندا ھاجىلارنىڭ شەيتانغا تاش ئېتىشى سۈننەت بولۇپ قالدى.

ئىسمائىل ئەلەيھىسلامدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن شەيتان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ئى ئىبراھىم! سەن خاتا ئىش قىلىۋاتىسەن، شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلىۋاتىدۇ. ھەرگىزمۇ ئوغلۇڭنى بۇغۇزلىما، بولمىسا كېيىن نادامەتتە قالىسەن. ئەمما، بۇ نادامىتىڭ ھېچ بىر پايدا قىلمايدۇ، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شەيتان ئىكەنلىكىنى بىلدى.

ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. سەن بولساڭ مەلۇن شەيتانسەن. سەن ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇغ- تۇغقانلىرىغا زىيان يەتكۈزەلمەيسەن، دېدى.

شەيتان رەزىل بولۇپ قايتىپ كەتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلىغا قاراپ:

ئى ئوغلۇم! چۈشۈمدە سېنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. بۇنىڭغا سەن نېمە دەيسەن؟ دېدى.

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام: ئى دادا! ھەقتەئالا مېنى بۇغۇزلاشقا بۇيرىدىمۇ؟ دەپ سورىدى.

شۇنداق بالام.

ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام دادىسىنىڭ شۇنداق جاۋابىنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن قۇربانلىق قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا سەۋر قىلسا ئاللاھ تەئالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى چۈشەنىپ تولىمۇ سۆيۈندى. دادىسىمۇ ئوغلىنىڭ بۇ سۈيىنىشىدىن ئىنتايىن سۆيۈندى.

ئى ئوغلۇم! مەن سېنى ئۆلتۈرۈدىغانلىقىمدىن خەۋەر بەرسەم، سەن سۆيىنىۋاتىسەنغۇ؟ دېدى.

ئى دادا ! قانداقمۇ خوشال بولماي، سۆيۈنمەي تۇرالايمەن، مېنىڭ بىردىن – بىر ئارزۇيۇم ئاللاھ تەئالاغا ئۇ رازى بولغان شەكىلدە ئۇچراشماقتۇر. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ رەھمىتىگە، جەننىتىگە نائىل بولۇمەن، دۇنيادىكى ئۆمرۈم بويىچە ئەزىيەت چەكسەمۇ بەلكىم، بۇنداق بىر ماقامغا ئېرىشىشىم تەس. ھازىر بولسا بۇ ماقام ئاسانلا يولدا ماڭا كېلىۋاتىدۇ. ئى دادا، سەن ھەق تەئالادىن قانداق ئەمىر ئالغان بولساڭ شۇ بويىچە ئورۇندا. ئوغۇل پىدا قىلىش سەندىن، جان پىدا قىلىش مەندىن بولسۇن، ئىشىڭنى تىز تۈگەتكىن. چۈنكى، مېنىڭ جېنىم دوست ئاللاھقا ئۇچرۇرۇشقا ئالدىرماقتا. ئى دادا، سەن نەمرۇدنىڭ ياققان ئوتىغا ئېتىلغىنىڭدا سەۋر قىلدىڭ، ھەقتەئالا سەندىن رازى بولدى، مەنمۇ بۇغۇزلىنىشمغا سەۋر قىلسام ئاللاھ مەندىنمۇ رازى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەن جەننەت نېمەتلىرىگە ئېرىشىمەن. ئى دادا، بۇغۇزلانماقنىڭ ئاغرىقى بىردەمچىلىكتۇر. ئۇنىڭغا سەۋر قىلىش ئاسان. مېنىڭ ئەسلى ئەنسىرەيدىغىنىم سەن ئۈچۈندۇر. چۈنكى، سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ئوغلۇڭنى بۇغۇزلىغانلىقىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۇنى ئېسىڭدە ساقلىشىڭ مۆمكىن. كاشكى بىراز بۇرۇن خەۋەر بەرگىنىڭدە ئانام بىلەن ۋىدالىشىۋالغان بولاتىم، دېدى.

خەۋەر بەرسەم، سەن ياكى ئاناڭدا بىراز بوشۇشۇش بولۇپ، قېلىپ ئاللاھدىن ئاھانەتكە قالمايلى دەپ قورقتۇم.

  ئى دادا! سېنىڭ رازىلىقىڭدىن باشقا ئارمانىم يوق. چۈنكى، بۇ ئىشتا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئەمرى بار. ئەگەر روخسەت قىلساڭ، ساڭا  بىر قانچە ۋەسىيەت قالدۇرماقچىمەن.

دېگىن، ئىي بەختىيار ئوغلۇم!

بىرىنچىسى: بۇ ئارغامچا بىلەن قولۇم ۋە پۇتۇمنى چىڭ باغلىغىن. بولمىسا جان ئاچىغىدا بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويماي. ئىككىنچىسى: مۇبارەك كىيىملىرىڭنىڭ پەشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۋال، قېنىم چاچرىمىسۇن. ئۈچۈنچىسى: پىچاقنى ياخشى بىلىگىن، جېنىم ئاسان چىقسۇن، سەن ئېشىڭنى ئاسان تاماملا. پىچاقنى ساپلىغاندا يۈزۈمگە قارىما، بولمىسا دادىلىق شەپقىتىڭ بىلەن ئەمىرنى ئورۇنلاشنى كېچىكتۈرۈپ قويمىغىن. بەشىنچىسى: كۆينىكىمنى  سالدۇرۋېتىپ بۇغۇزلىغىن، قان تەگمىسۇن، ئۇ كۆينەكنى ئانامغا ئېلىپ بارغىن، مېنىڭدىن سالام دېگىن. مېنىڭ ھېدىمنى بۇ كۆينەكتىن ئالسۇن. يىغلىمىسۇن، مەن ئۈچۈن قايغۇرمىسۇن. سەن ئۇنىڭغا؛ ئوغلۇڭ ساڭا شاپائەتچى بولۇپ، ئاللاھ تەئالانىڭ دەرگاھىغا كەتتى. قىيامەت كۈىدە ئاللاھ سەندىن باشقا بىر نەرسە  تەلەپ قىلماس، ئۈمىد قىلىنىدۇكى ئاللاھتىن مېنىڭ بۇ تەلىپىم رەت قىلىنماس.

ئالتىنچى: قايەردە مېنىڭچىلىك بىر بالا كۆرسەڭ مېنى ئەسلە.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام ئوغلۇدىن يۈرەكلەرنى پارچىلايدىغان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆزلىرىدىن ياشلىرى تۆكۈلدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بارلىق تەييارلىقلىرىنى قىلىپ بولغاندا ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام قوللىرىنى دۇئا غا كۆتۈرۈپ: ئى رەببىم، ماڭا سەۋر بەرگىن، دېدى.  ئاندىن دادىسىغا قاراپ: ئى دادا، كۆرمەيۋاتامسەن، ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، بەزى پەرىشتىلەر بىزگە قاراپ، ھەيرانلىقلىرىدىن ھەقتەئالاغا سەجدە قىلماقتا. بەزىلىرى ھەقتەئالغا ئىلتىجا قىلىپ: ئى رەببىم! بىر پەيغەمبەر، يەنە بىر پەيغەمبەرنى بۇغۇزلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇغۇزلىماقچى بولىۋاتىدۇ، سەن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن! دېيىشمەكتە، دېدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىلنى ياخشى باغلىدى. يۈزىنى پەسكە قارىتىپ ياتقۇزۇپ، بۇغازىدىن تۇتتى ۋە: ئى رەببىم، بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، كۈزۈمنىڭ نۇرى، كۆڭلۈمنىڭ باھارىدۇر. سەن ئۇنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىدىڭ. مەن ئۇنى سېنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا خالىس نىيەتتە تەييارمەن. ساڭا ھەمدۇ سانالار بولسۇن! ئى رەببىم، بۇ قىممەتلىك پەرزەنتىمنى قۇربانلىق قىلىشىمدا ماڭا ياردەم بەرگىن! دەپ دۇئا قىلدى. ئاندىن پىچاقنى ئوغلۇنىڭ بوينىغا يېقىنلاشتۇردى. ۋە ئاخىردا : ئى بالام! قىيامەتكىچە سېنىڭ بىلەن خوشلىشاي، قايتا كۆرۈشۈش قىيامەت كۈنى ئەمەلىيلىشىدۇ، دېدى. بۇ چاغدا ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام: ئى دادا! تېزراق بولغىن! ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تىزراق ئورۇنلا. ئەمرىنى ئورۇنلاشتىن كېچىككەنلىكىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىزنى ئازارلىشىدىن قورقماقتىمەن. ئى دادا! پۇت- قولۇمدىكى ئارغامچىنى يېشىۋەتكىن، پەرىشتىلەر مېنىڭ ئۆز خالىشىم بىلەن قۇربانلىق بولغانلىقىمنى كۆرسۈنلەر، خەلىيۋۇللاھنىڭ ئوغلىنىڭ ئاللاھ تەلانىڭ ئىشىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلسىنلەر، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام بۇ سۆز بىلەن ئۇنىڭ پۇت- قولىدىكى ئارغامچىلارنى يېشىپ پىچاقنى بۇغازىغا تەڭلىگەندە ئىسمائىل ئەلەيھىسسلامنىڭ كۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى ئوغلۇم بۇ ھالەتتە قانداقمۇ كۆلدۈڭ؟ دەپ سورىدى؟

 ئى دادا پىچاقتا بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم يېزىقلىق تۇرىدۇ. ئۈستىدە دوستنىڭ ئىسمى بولغان پىچاق قانداقمۇ كېسىدۇ؟ دەپ جاۋاپ بەردى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام ھەقتئەللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغان ھالدا پۈتۈن كۈچى بىلەن پىچاقنى ئوغلىنىڭ بوينىغا سالدى. دەل شۇ چاغدا ھەقتەئالا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا تېز بېرىپ پىچاقنىڭ بىسىنى قايتۇر، ئەمرىنى بەردى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسلام سىدرەتۇل مۇنتەھادىن دەرھال كېلىپ پىچاقنىڭ بىسىنى قايتۇردى. پىچاق كەسمىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاقنى يەنە بىر قېتىپ ساپلىدى. يەنە كەسمىدى.قانچىلىك كۈچىسىمۇ يەنىلا بولمىدى.

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام: ئى دادا! سەن قانچىلىك دەرىجىدە مېھرىبانسەن. پىچاقنى كۈچلۈك ساپلىيالمايۋاتىسەن. يۈزۈمگە قارىمىغىن، شۇندىلا ئىشىڭدا خاتالىق بولماس، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاقنى تەكرار بىلىدى ۋە ئوغلىنىڭ بوينىغا  كۈچ بىلەن ساپلىدى. يەنە كەسمىدى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسلام: ئى دادا! پىچاقنىڭ ئۇچىنى جان تۇمۇرىمغا ساپلا، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلدى ھەتتا تىزى بىلەن باستى يەنە كەسمىدى. پىچاق كۈچتىن ئىككى قات بولۇپ ئىگىلىپ قالدى. لېكىن، ئىسمائىل ئەلەيھىسسلامنىڭ بوينىغا ئىزىمۇ چىقمىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ، پىچاقنى تاشقا ئۇردى. تاش دەرھال ئىككىگە ئايرىلدى. پىچاققا زۇۋان كېلىپ سورىدى: ئى ئىبراھىم! نەمرۇد سېنى ئوتقا ئاتقاندا ئوت سېنى نېمىشقا كۆيدۈرمىدى؟

ھەق تەئالا كۆيدۈرمە دېگەنىكى ئۈچۈن.

ئى ئىبراھىم! ئاللاھ تەئالا ئوتقا بىر قېتىم كۆيدۈرمە دېگەن بولسا، ماڭا يەتمىش قېتىم، كەسمە، كەسمە! دەپ ئەمىر قىلدى.

بۇ چاغدا ئاللاھ تەئالادىن ۋەھىي كەلدى:« ئى ئىبراھىم! ئەلۋەتتە سەن، چۈشۈڭنى تەستىقلىدىڭ. ساڭا بۇيرىلغاننى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ. ۋەزىپەڭنى تولۇق ئورۇندىدىڭ. ئەمدى نۆۋەت مەندە، لۇتۇف ۋە كەرەمىمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاۋۇ تاغقا قارىغىن!»

ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام تاغقا قارىۋېدى ، ئىنتايىن چىرايلىق بىر قوشقارنى كۆردى. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېدى: «بۇ سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ پىدىنىڭ پىدىيەسىدۇر»

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام قوشقارنى ئېلىپ كەلگەندە ئاللاھۇ ئەكبەر! دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قوشقارنى تۇتقاندا لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر! دېدى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاممۇ: ئاللاھۇ ئەكبەر، لىللاھىل ھەمد! دېدى. بۇنىڭ بىلەن بايرام تەكبىرى يولغا قويۇلغان بولدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا بۇ قوشقار قۇربانلىق قىلىندى. رىۋايەتلەرگە كۆرە بۇ قوشقارنىڭ مۈڭگۈزلىرى ئابدۇللاھ ئىبنى زۈبەيرنىڭ زامانىغىچە كەبىدە تامدا ئېسىغلىق تۇرغان بولۇپ، كېيىن يۈز بەرگەن بىر ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن. بۇ قوشقارنىڭ قۇربانلىق قىلىنغان يېرى مىنا بولغانلىقى ئۈچۈن ¸ھاجىلار قۇربانلىقىنى بۇ يەردە بۇغۇزلايدۇ.

ئى رەببىم، بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسلامنىڭ نەسلىدىن بولغان مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىبىز. سەن بىزدىن كۆزىمىزنىڭ نۇرى بولغان پەرزەتنلىرىمىزنى ئەمەس، پەقەت ئىمكانىمىز يەتكەنلەر بىر قۇربانلىق مال بۇغۇزلاشقىلا بويرىدىڭ. ئەسلىدە تەلەپ قىلغىنىڭ  نە قۇربانلىق ئۈچۈن مال، ياكى پۇل، ئەمەس، بىزدىن پەقەت سەن ئۈچۈن ئىخلاسمەن بىر نىيەتنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدىڭ. نەپسىمىزدىن سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن كېچەلەيدىغان ياكى كېچەلمەيدىغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى سىناشنى تەلەپ قىلدىڭ. يا رەببىم. بىزنى سىناقلىرىڭدىن ئۆتكەنلەردىن، بۇ قۇربان ھېيتنىڭ ئالدى ئارقىدىكى مۇبارەك كۈنلەردە سەن رازى بولىدىغان ئىمان، ئىخلاسقا ئېرىشكىدەك ئەمەللەربىلەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلالغانلاردىن قىلغىن. ئامىن !

ھازىرلاپ سۇنغۇچى : مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ