ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىسلام دۇنياسىنىڭ نارازىلىق ئاۋازى كۆتۈرۈلىشى كېرەك

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-01-17 11:31:09 جەمئى 4086 قېتىم ئوقۇلغان.

فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئوتتۇرىغا چىققان ھۇجۇم پۈتۈن ياۋرۇپانى ئورنىدىن قوزغىۋەتتى. قورقۇش ۋە گاڭگىراش ئىچىدە قالغان غەرپ ئىشنىڭ بىر تەرىپى ئۆزلىرىگە بېرىپ تاقالغاندا رىيالىقنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدى.

ئادەم ياۋۇز ئىرگاتئوغلۇ

فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئوتتۇرىغا چىققان ھۇجۇم پۈتۈن ياۋرۇپانى ئورنىدىن قوزغىۋەتتى. قورقۇش ۋە گاڭگىراش ئىچىدە قالغان غەرپ ئىشنىڭ بىر تەرىپى ئۆزلىرىگە بېرىپ تاقالغاندا رىيالىقنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدى.

ئەسلىدە رىيالىقنى كۆرۈپ يەتتى، دېسەكمۇ توغرا بولمايدۇ. ئىسلام نامىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى داۋا قىلىنغان بۇ ۋەقەلىكتە غەرپ ، دەل بىر ئاڭقىراش كۆرۈشى ئىچىگە كىردى. چارلىئە ھەبدو ژورنىلىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا 12 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىنلا ئىسلامغا قارىشى سۆز ۋە پائالىيەتلەر باشلىنىپ كەتتى.  

ژورنالغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاللاھۇ ئەكبەر! دەپ تۇرۇپ ئوق چىققاردى دېگەنلىكىنىڭ ئۆزى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ قايسى ئادرىسقا قارىتىلغانلىق مەلۇماتىنى بەرمەكتە ئىدى. خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش كۈشكۈرتكۈچى قاراتمىلىق ھۇجۇملارغا ئوخشاش.

قېنى ئەسلەپ باقايلى. گۇناھنى ئىسلامغا يۈكلەش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشاش كۈشكۈرتكۈچى ھۇجۇملار ئاز بولدىمۇ؟ ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ھۇجۇم قىلدى دەپلا ئۆزلىرنىڭ ئەسلى ئەپتى بەشىرىنى بۇنىڭ بىلەن يوشۇرغانلار ئازمۇ؟

غەرپ بۇ ھۇجۇمچىلار ئاللاھۇ ئەكبەر، دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزىپ تارقىتىدىغان ژورنالغا ھۇجۇم قىلغان، دېگەندەك باش ماۋزۇلار بىلەن خەۋەرلەرنى قايناتتى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي بىر تېرورست بولۇپ، دۇنيادا ئومومىيۈزلۈك قارشىلىققا ئۇچرىشىغا ھەقلىق بولىۋاتىدۇ، دېگەن بىر ئاڭنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ۋە بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقەلىكلەر ، بولىۋاتقان ھۇجۇم ئوقلىرىنىڭ قايسى تەرەپكە ئۆرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشتا كىملەرنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتەتتى. بىراق بىرمۇنچە كىشىلەر فرانسىيە جۇمھۇر باشلىقى ف، خوللاندېچىلىك بولۇپ: بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىسلام بىلەن بىر باغلىنىشى يوق، دېيەلمىدى.

بولۇپمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا غەرپتە ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى نىشان قلىغان بىرقانچە مىسالنى بۇ يەردە بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانداق بىر ئاڭ ۋە كۆز قاراش شەكىلەندۈرۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقچىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا  كېتىشىمىزنىڭ كېرىكى يوق.

2014-يىلى 21-دېكابىر مەسجىتلەرگە كىرست بەلگىسى سىزىلىش ئارقىلىق ئىسلامغا قارىشى يېزىقلارنى يېزىش بىلەن مۇسۇلمانلارغا تەھدىد سېلىندى. 24- دېكابىر كۈنى بولسا پىشىن نامىزى ئوقۇلىۋاتقاندا شىۋىتسىيەدىكى بىر مەسجىتتە قالايماقانچىلىق چىقىرىلدى. 25- دېكابىر بولسا ۋىيانادا بامدات نامىزىغا كەلگەن مۇسۇلمانلار ئىنسانى بىئارام قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشكە مەجبۇر قىلىندى. يەنە ئىسلامدا ھارام قىلىنغان ئۇزۇن قۇلاق ھايۋانىڭ باشلىرىنى مەسجىتنىڭ ئىشىكلىرى ئالدىدا كۆردى. 28- دېكابىردا گېرمانىيەدە پېگىدا گۇرۇپ دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپنىڭ ئەزالىرى 17 مىڭ كىشى بىلەن ئىسلامغا قارىشى يۈرۈشكە چىقتى. 2015- يىلى 1- يانۋار كۈنى شىۋىتسىيەدە يەنە مەسجىت ھۇجۇمى بولدى. 7- يانۋار كۈنى فرانسىيەدە ھۇجۇم مەيدانغا كەلدى. ئۇ رول ئالغۇچىلارمۇ ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا بەدەل تۆلەتكۈزمەكچى بولغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پارىژدىكى چارلىئە ھەبدو ژورنىلى بۇ ئويۇنىڭ ئوينىلىشىنىڭ ياخشى بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تاللاندى. چۈنكى بۇ ھۇجۇم بولماستىنلا بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا كىملەرگە بەدەل تۆلىتىش مەقسىتى ئېنىق ئىدى.

بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن ھەجۋىي رەسىم ژورنالىرى قارا نىيەتلىرى بىلەن ئىسلام بىلەن تېرورنى بىر- بىرىگە يېقىن ئەكىلىپ سىزىشقا باشلىدى. شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى ھەتتا مىلتىقلاردىن چىققان ئوقلار لا ئىلاھە ئىللاللاھ! لەۋزى بىلەن ھەجۋىيلەشتۈرگىدەك دەرىجىدە ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. ۋە بۇ ئارقىلىق يەر شارى خارەكترلىك تېرورنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارلىدى.

8- يانۋار كۈنى يەنە مەسجىتلەرگە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. يەنى 40 قا يېقىن دۆلەتنىڭ فرانسىيەدە تېرورغا قارىشى نامايىش يۈرۈشى قىلغان كۈنى گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركەلنىڭمۇ سەپنىڭ ئالدىدا يەر ئالغان كۈنى ، گىرمانىيەدە بىر مەسجىتكە مۇسۇلمانلارغا قارىشى يېزىقلار يېزىلدى. بۇنىڭ بىلەن 2014- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ سانالغاندا مەسجىتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم بۇ قېتىمقىسى بىلەن قوشۇلۇپ دەل 12 قېتىم بولدى.

فرانسىيە دۆلىتى يالغاندىن بەزى باستۇرۇش ھۇجۇملىرىنى باشلىدى. مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە 83 مىڭ ساقچى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغۇچى جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشقا ھەرىكەت قىلغان بولدى. بۇ ھۇجۇمدا ھەتتا ئارىلىرىدا گۆرەگە ئېلىنغان كىشىلەر بولغان ھۇجۇمچىلاردىن بىرىنىمۇ تىرىك قولغا چۈشۈرۈلمەي ھەممىسى ئۆلگەن بولدى. يەنى دۇنيا تەشۋىقاتىدا نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇمدا مەغلۇپ بولدى.  

ئۇنىڭدىن كېيىن بىر مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ، 40 قا يېقىن دۆلەتنىڭ باشلىقلىرىنىڭ قېتىلىشى بىلەن تېرورغا قارىشى نامايىش يۈرۈشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىراق بۇ يەردە ئىنتايىن سەسكىنىشلىك بىر كۆرۈنۈش بار ئىدى. يەنى دۆلەت خارەكترىلىك تېرور ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسرائىل باشلىقى نېتەنياخونىڭ ئالدىنقى سەپلەردە كۆرۈنۈشى. ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا بولوشى ۋە نېتانياخونىڭ مۆرىسىگە قول قويۇشى ۋە : بىزگە قارىشىمۇ ھۇجۇملار بولىۋاتىدۇ ۋە بىزمۇ ھەر يەردە نېتەنياخونى مۇھاپىزەت قىلىمىز، دېگەندەك ئىشارەتلەرنى بېرىشى...  

پەلەستىندە، غەززەدە، سۈرىيەدە، مىسىردا، شەرقىي تۈركىستاندا، ئىراقتا ۋە بىرمونچە يەرلەردە گۇناھسىز ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەنلەردە سىلەر نەدە ئىدىڭلار؟ دېمەككى نىشان يەنىلا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار. دېمەككى غەرپ مەدىنىيىتىگە تەسلىم بولمىغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى لازىم. شەرتلەر ۋە ئەمەلىيەتلەر شۇنى ئېنىق تەكىتلەپ كۆرسەتمەكتىكى ئىسلام دۇنياسى ئەمدى بىر ئارىغا كەلمىسە باشقا بىر چىقىش يولى يوق!!!

تەرجىمىدە: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ