ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دوكتور ئابدۇللا ئالىم: ئىستراتېگىيىلىك پىلان بويىچە مېڭىشنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 7- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ 21- ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىنكى مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن دوكتور ئابدۇللاھ ئالىم ئىستراتېگىيىلىك پىلان بويىچە مېڭىشنىڭ ئەھمىيىتى تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

دوكتور ئابدۇللا ئالىم لېكسىيە جەريانىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تېما ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە سورۇن ئەھلىگە مۇھاكىمە مەسىلىلىرىنى تاشلاپ لېكسىيىسىنى ئەركىن ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ باردى.

ئۇ ئالدى بىلەن،  مەقسىتىمىز نېمە؟ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز قانداق؟ غايىمىزگە قانداق يېتىمىز؟ دېگەن ئۈچ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ئۈچ سوئالنى چۆرىدەپ ئەركىن مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

 ئۇ ئىستراتېگىيە بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر غەلبە ئۈچۈن ئىستراتېگىيە تۈزۈلمىسە، مەغلۇبىيەت ئۈچۈن تۈزۈلگەنگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەر قانداق تەشكىلات، جەمئىيەتنىڭ ئۆزغايىسى، تەشكىلاتنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسى، ئاجىز تەرەپلىرى، تەشكىلات، جەمئىيەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر قاتارلىقلارنى تولۇق ئويلىشىپ تۇرۇپ ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور، ئۆز ئەھۋالىمىزنى بىلىشنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. پىلان بولۇشى ۋە پىلان بولغان ئىكەن چوقۇم ئىجرائىيە بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن زادى قانچىلىك ئەھمىيىت بارلىقىنىمۇ نەزەردە تۇتىشىمىز لازىملىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئاخرىدا، ھەر ۋاقت ئۆز ئەھۋالىمىزنى باھالاپ تۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى، لېكىن باشقىلارنىڭ بەرگەن كۆرسەتمىلىرى بىزنىڭ غايە، مەقسەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولمىسا، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا ئىككىلەنمەي مېڭىشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

لېكسىيەدىن كېيىن، ئۇ تېما ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر كۆپ ۋە مۇرەككەپ، پىلان تۈزسەك يېرىم يولدا ئىجرا قىلالماي توختاپ قالساق قانداق قېلىمىز؟ دېگەن سوئالغا، داۋاملىق پىلان تۈزۈپ ئىجرا قىلىۋېرىشىمىز كېرەك، پىلان بولمىسا بولمايدۇ، دەپ جاۋب بەردى ۋە بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

لېكسىيە ئەرەبچە سۆزلەندى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن ژورنالىست سىراجىدىن ئەزىزى تەرجىمانلىق قىلىپ بەردى.

لېكسىيەنىڭ تەپسىلاتى ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيىمىزدە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

http://www.istiqlaltv.com/-قىېرىنداشلارئۇچرىشىشى/

ئىستىقلال خەۋەر تورى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ