ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدىكى چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-11 09:09:43 جەمئى 883 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدىكى چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

ئىستانبۇلدىكى چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

5-ئاپرېل بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات جايلىرىدىن فاتىھ رايونى ساراچخانە باغچىسىدا باشلىتىلغان مىللىي مەدەنىيەت ۋە خىتاي ۋەھشىيلىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى 6 كۈنلۈك پائالىيەتتىن كېيىن بۈگۈن 10 - ئاپرېل كۈنى غەلىبىلىك ئاخىر

كۆرگەزمىدە بارىن شەھىدلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىملەرمۇ قويۇلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە ئائىت ھەرخىل تائاملارمۇ زىيارەتچىلەرگە تەقدىم قىلىندى.

شۇنداقلا كۆرگەزمىدە خەلقىمىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر قويۇلدى ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلدى. شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو، فىلىملەر كۆرسىتىلدى.


بۇ قېتىملىق سۈرەت ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى 5-ئاپرېلدىن 10-ئاپرېلغىچە 6 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەت ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيىتىنى تۈركىيىدىكى يەرلىك قېرىنداشلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇش، جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش، بۇ ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە مەۋجۇت كۈنتەرتىپنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېچىلدى.

ھەر كۈنلۈك پائالىيەتتە زىيارەتچىلەرنىڭ كۆرگەزمىگە بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوپچە ھالەتتە كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلدى ۋە نۇرغۇن كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى ۋە مەيداندىكى زىيارەت خاتىرىسى دەپتىرىگە ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىنى يېزىپ ئىمزا قويدى.

 پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېديا ئاگىنتلىقى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ ناھايىتى جىددى خىزمەت قىلىشى بىلەن غەلىبىلىك ئاياقلاشتى

يېپىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەت ئىنتايىن غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كۆپلىگەن زىيارەتچىلەرنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا 6 كۈنلۈك پائالىيەتتە خىزمەتتە بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتتى.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ