ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدا كەڭ كۆلەملىك 5 – ئىيۇل نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-05 21:54:03 جەمئى 1684 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدا كەڭ كۆلەملىك 5 – ئىيۇل نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

ئىستانبۇلدا كەڭ كۆلەملىك 5 – ئىيۇل نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە 2009- يىل 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئېلىپ بارغان ۋە تارىخقا ئۈرۈمچى قەتلىئامى دەپ يېزىلغان قەتلىئامغا بۈگۈن دەل 9 يىل ئۆتتى... بۇ قەتلىئام خەلقىمىز قەلبىدە يەنىلا تۆنۈگۈنكىدەك تۇرماقتا ۋە خەلقىمىز قەلبىدىكى خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىك كۈنسىرى كۈچەيمەكتە. شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىنمۇ تا ھازىرغىچە خىلمۇخىل ئىسىم بىلەن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا ۋە خەلقىمىز تارىخىدا كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق باستۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە.

 بۈگۈن ئەنە شۇ قانلىق ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 9- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىر ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش تەربىيلەش نامىدىكى جازا لاگىرى سىياسىىتى، ئاتالمىش قوشماق تۇققان سىياسىىتى، ئانا تىلىمىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ ئاسىمىلاتسىيە قىلىش، دىندىن يېنىشقا مەجبۇرلاش، ھەتتا مېيتلىرىمىزنى كۆيدۈرۈشكىچە بولغان ساناپ تۈگەتكۈسىز باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

نامايىشقا بۈگۈن ئەتتىگەندىن باشلاپلا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەرىكەت قىلغان مىڭلارچە شەرقىي تۈركسىتانلىق ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل سارىيەر تارابيادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قاراپ تەرەپ تەرەپتىن يولغا چىقتى...

 

نامايىشقا ئون مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، خەلقىمىز كوچىلارغا پاتماي قالدى.

خەلقىمىز ئالدى بىلەن تارابيا ساھىلىدا يىغىلغاندىن كېيىن سائەت 12:30 ئەتراپىدا خىتاي كونسۇلخانىسى جايلاشقان تەرەپكە قاراپ ھەرخىل شۇئارلار بىلەن مېڭىشقا باشلىدى...

قاتناشقان ئادەم سانى بەك كۆپ بولغاچقا بۇرۇنقىدىن پەرقلىق دەرىجىدە كۆپ ساندا ساقچىلار ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋەزىپە ئۆتەپلا قالماي شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان 100 نەپەر ياش بىخەتەرلىككە مەسئۇل بولدى.

نامايىشچىلار: قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن يوقال مەزلۇملار بۇ يەردە... ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە؟ ھەق-ھوقۇق ئادالەت، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆررىيەت شەرقىي تۈركىستان تۈركتۇر، تۈرك قالىدۇ فاشىست خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال جازا لاگىرلىرى تاقالسۇن!، خىتاي زېمىنىمىزدىن يوقالسۇن! ئۆيلىرىمىزنى خىتاي مېھمان خالىمايمىز! دېگەندەك شۇئارلار بىلەن كونسۇلخانىغا خېلى يېقىن جايغىچە كەلدى ۋە شۇ يەردە تەشكىلات مەسئۇللىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش جەريانىدا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلات مەسئۇللىردىن باشقا داۋايىمىزغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى بىلەن ئالپەرەن ئوجاقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ھازىر بولدى.

 

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىلمۇخىل باستۇرۇشلىرىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخبارات ئېلام                          قىلىش يغىنى ئاچتى ۋە مۇنداق دېدى: خىتاي ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ يولىسزلىقىغا قارشى تۈرغان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قەتىلئام قىلىدى. نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتۇپ كېتىلگەندىن كىيىن ئىز- دېرەكسز يوقالغانلىقىنى، يېقىندا خىتاي شەرقىىي تۈركسىتان خەلقىنى سەۋەبسىز تۈرمە ۋە ئاتالمىش « تەربىيلەش لاگېرى»لىرىغا قامىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە،  خىتاينى تەبىيىلەش لاگېرىدىكى بىگۈناھ كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

كېيىن ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ئىستانبۇل رەئىسى كازىم ئەپەندى سۆز قىلدى .

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن باستۇرۇشلىرىنى تەقىپ قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا چوقۇم ھېساب بېرىدىغان كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ بىز بىرلەشكەندە مەسىلە پەقەت شەرقىي تۈركسىتان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى بېيجىڭدىكى خىتاينىڭ تەختىمۇ تەۋرەيدۇ دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈركىيە ئالپەرەن ئوجاقلىرى ئىستانبۇل رەئىسى كۈرشات مىجان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قەتلىمامنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيبىلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا تۈركىيىنى ئىدارە قىلىۋاتقان دۆلەت ئادەملىرىنىڭ جىددى سىياسەت ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئىسمىنى بەرمەستىن ئۆتكەندە قىلغان خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى بىز ئۈچۈن مۇھىم دېگەن سۆزلىرىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا؛ بەزى دۆلەت ئادەملىرىمىز بۇ سۆزلەرنى ئىشلەتمەكتە .... ئەمما شۇ ئېنىق بىلىنىشى كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس، ئۇ ئىشغال قىلىنغان تۈرك تۇپرىقىدۇر. شۇڭا سۆز ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىنىشى كېرەك دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 

 ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەشكىلات مەسئۇللرىدىن بىر گۇرۇپ كىشى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويدى

 

 

تۈركىيىدە قارا گۈلچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەندە قويۇلىدۇ.

شۇ ئەسنادا نامايىشچىلاردىن بىر گۇرۇپ ياشلار خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېسىپ كىرمەكچى بولغانلىقتىن ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا جىددى جېدەل چىقتى ۋە مەسئۇللارنىڭ مۇداخىلە قىلىشى بىلەن بېسىقتى.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ