ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-06 20:21:14 جەمئى 2115 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدا ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى ھەققىدە خىتاي بىلەن مۇنازىرە ئ‍ېلىپ بېرىش يېغىنىنى قوللاپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
6- نويابىر ئىستانبۇلدا ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن
خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى ھەققىدە خىتاي بىلەن مۇنازىرە ئ‍ېلىپ بېرىش يېغىنىنى قوللاپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشىنى ئ‍ىنسان ھەقلىرى ئ‍ادالەت ھەرىكىتى جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىدى.


نامايىشقا تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك قېرىنداشلار بولۇپ 5000 دەك كىشى قاتناشتى.


پېشىن نامىزىدا ئ‍ىستانبۇل فاتىھ جامە ھويلىسىغا توپلاشقان ئۇيغۇر ۋە تۈرۈك قېرىنداشلار رەتلىك تىزىلىپ جامە يېنىدىكى چوڭ يولغا چىقتى. قوللىرىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ شەھىد قىلىنغان ، ئىز- دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى قېرىنداشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان خەلق « خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەتسۇن !» ، « شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق»، « لاگېرلار تاقالسۇن !» « يوقالسۇن مۇستەبىت قىزىل كوممونسىتلار!» دېگەن شۇئارلارنى جاراڭلىق توۋلاپ ساراچخانا باغچىسىغا يىتىپ باردى.

 

 

ا

ساراچخانا باغچىسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش، سەۋەبسىز لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىش جىنايىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.
بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئ‍ىنسان ھەقلىرى ئ‍ادالەت ھەرىكىتى رەئىسى جىھاد گۆكدېمىر ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ،« شەرقىي تۈركسىتاندا 1949- يىلىدىن ھازىرغا قەدەر زۇلۇم داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇزۇن تارىختا شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ مېلى، يۈز ئابرويى، ئائىلسى ۋە بارلىقىغا تاجاۋۇز قىلدى. بۇلار يەتمەي يېقىنقى يىللاردىن بىرى قېرى- ياش، ئەر – ئايال دېمەستىن لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلىپ ، مېڭە يۇيىۋاتىدۇ، بىز خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارىشى » دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


مەزلۇملار جەمئىيىتى رەئىسى رامزان ئەپەندى سۆز قىلىپ،« خىتاينىڭ 2009- يىلى شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنى كوچىلاردا قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى توختاتمىدى. يېقىنقى زاماندىن بىرى يەنە، ئەسەبىيلىك تۆھمىتى بىلەن مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلدى. خىتاي شەرقىي تۈركسىتاننىڭ سىرتىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ. تۈركىيىگە كەلسەك خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تۈركىيىدە تىزگىنلىنىشى كېرەك » دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


ئەركىنلىك جەمئىيسى مۇئاۋىن رەئىسى كېنەل ئالپار ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ،« پاشىت گېرمانىيىسى دەۋرىدە يەھۇدىيلارنى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىش بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى « تەربىيىلەش مەركىزى » نامى بىلەن تۇتقۇن قىلىشى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرقى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قەتئىي تاپشۇرۇپ بەرمەيمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەھمان بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنچە ئېغىر زۇلۇملارغا ھېچكىمنىڭ ئۈن چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ھۈدا پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئەداب ئەلى بۈيۈكباغ ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ،« بىر پارتىيە بولغىنىمىز بىلەن ھاكىمىيەت ئۈستىدە ئەمەسمىز. شۇنداقتىمۇ مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بۇلۇش پرىنسىپىگە ئاساسەن بۇ يەرگە كەلدۇق. بىز شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاي زۇلمىنى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق بىلىشكە تىرىشىۋاتىمىز. تۈركىيىنىڭ ئىچكى سىياسەتچىلىرى خىتايغا شەرقىي ھەققىدە شەرت قويۇشى كېرەك. شەرقىي تۈركسىتاندىكى زۇلۇملار غەززە، سۈرىيىدىكى زۇلۇملاردىن ئېغىرلىشىپ كەتتى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەي زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلق دۇنيادىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن قورقۇپ بىزگە ياردەم قىلمىغان بولسا، ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە، ئەي زۇلۇمغا ئۇچرىغان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى پۈتۈن دۇنيا خەلقى خىتاينىڭ كۈچىدىن قورقۇپ، سۈكۈت قىلغان بولسا بىز ئاخىرقى قېنىمىز قالغۇچىلىك، تۈركىستان پەتھى بولمىغىچە كۈرەشنى داۋام قىلىمىز. ئاللاھ تارىختىن بىرى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىپ كەلدى بۇندىن كېيىنمۇ ياردەم قىلىدۇ. ئاخىرقى نۇقتىغىچە ئۈمىدنى ئۈزمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. تۈركىستاننىڭ غېمىنى يىمەي يېگەن تاماقلىرىمىز، ئىچكەن سۈيىمىز بىز ئۈچۈن ھارام. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان مەڭگۈ ياشىسۇن!» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


ئاخىردا، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى، سىم ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قارىھاجىم باش بولۇپ، ئاللاھدىن شەرقىي تۈركسىتان خەلقنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ