ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدا تۈركىيە قېرىندىشىڭغا ئىگە بول پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-08 12:05:14 جەمئى 1444 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدا تۈركىيە قېرىندىشىڭغا ئىگە بول پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

ئىستانبۇلدا تۈركىيە قېرىندىشىڭغا ئىگە بول پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

7- ئۆكتەبىر ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب سۇلتاندا « تۈركىيە قېرىندىشىڭغا ئىگە بول » پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئالپەرەن ئوجاقلىرىنىڭ تەشكىللىشى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىلىشقا تۈركىيىدە ياشاۋاتقان زور كۆپ ساندىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۈرك قېرىنداشلاردىن بولۇپ 2000 دەك كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتتە، ئالپەرەن ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى كۈرشات مىجان ئەپەندى مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:


خىتاي شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ھەر خىل ۋاسىتە بىلەن قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇيغۇر بولغانلىقى، مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۇلارنى « تەبىيىلەش مەركىزى » دېگەن نامدا لاگېرلارغا سولاپ خورلاۋاتىدۇ. خىتاي يەنە، «قوشماق تۇغقان»نامىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يەرلەشتۈرۈپ ئۇلارنى نازارەت قىلىۋاتىدۇ. ئومۇمەن قىلغاندا خىتاي دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى يوق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقلىرىغا غەرب ئەللىرى كۆڭۈل بولىۋاتىدۇ ئەكسىچە تۈركىيە باش بولۇپ ئىسلام ئەللىرى ئۈن چىقارمىدى. ئەسلىدە تۈركىيە ئۆزىنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە باشلامچىلىق قىلىپ ئىگە بولىشى كېرەك ئىدى.
پائالىيەتتە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىن قىلىش سياسەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تونۇشتۇردى ھەمدە دۇنيا خەلقى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئىيمانىدىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ خىل يولسىزلىقىغا تاماشىبىن سۈپىتىدە قاراپ تۇرغان، خىتايغا «قىرغىنچىلىقنى توختات! » دىمىگەن تۈركىيە باشلامچىلىقىدىكى ئىسلام ئەللىرى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق ھېساب بېرىشىنى ئويلاپ يېتىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساب بىرىشتىن قورقۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


پائالىيەتتە يەنە، شەرقىي تۈركىسىتان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئسى سىيىت تۇمتۇرۈك ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى غەرب ئەللىرى بىر قانچە قېتىم يىغىنلارنى ئېچىپ خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىراق تۈركىيە ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا ئىسلام ئەللىرى ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكىنى ، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولاق يۇپۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقى، تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركستان خەلقىگە ئىگە بولۇشتا شارائىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئەگەر تۈركىيە خىتايغا « سەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خورلاپ ، قەبىھ زۇلۇملارنى قىلىۋاتىسەن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان زۇلۇمنى توختاتمىساڭ بىز [بىر بەلۋاغ ، بىر يول] سودىسىدا سەن بىلەن ھەمكارلاشمايمىز» دىسە خىتاي ئامال قىلالماي خەلقىمىزگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى توختاتقان بولاتتى ، دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


پائالىيەتتە يەنە، مەريەم مۇھەممەد خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زۇلۇملىرىغا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگىلا ئەمەس بەلكى چەتئەلدە ياشاۋاتقان، ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىجىس قولىنى ئۇزارتقانلىقنى، مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 37 ياشلىق يولدىشىم مۇختەر ئەپەندى، ئۇ مىسر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بىرى ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىدىم. 31 ياشلىق رەھىمجان، 25 ياشلىق ئىلياسجان راھمان، مۇھەممەت ئابدۇللا ئاتاۋۇللا قاتارلىقلار خىتاينىڭ يولسىز تەلەپلىرى بىلەن مىسر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈتقۇن قىلىندى،دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


ئاخىردا ئۇستاز مۇھىددىن ئاچىجى ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يېرىدە زۇلۇم چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمىدا ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ، كوممۇنىستلارنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇلار قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ