<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدا بىرلەشمە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-23 19:04:13 جەمئى 9087 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدا بىرلەشمە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا بىرلەشمە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

پائالىيەت 23- ئاۋغۇست ( قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى) چۈشتىن كىيىن ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلا دېڭىز ياقىسىدا سائەت 2:00 دە باشلىنىپ، سائەت 5:30 غىچە داۋاملاشتى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ داۋاملىشىش سۈپتىدە تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان« شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى »، «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقف »، « شەرقى تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى »، « ئوقۇ ئۇيغۇر مەركىزى »، « قۇتادغۇ بىلىك ئىلمى تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى »، « دارۇلئىيمان جەمئىيىتى »، « شەرقىي تۈركىستان ۋەقف»، « شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى » قاتارلىق 10 نەچچە تەشكىلات يېتەكچىلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئەزالاردىن بولۇپ ئەر- ئايال 2000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت مۇڭلۇق قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

پائالىيەتنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز زۇلۇم ئىچىدە قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىدا بىرلىكنىڭ بولماسلىقى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىكىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.


پائالىيەتتە يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار سۆز قىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم كىشىلەر « بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىرقى ھالىتىمىزدە ھېيت قىلساق بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ گەپلەرنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى يوق، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد ئۇرۇشىدا بىر قانچە ساھابىلىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ بىراق باشقا ئشىلىرىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن. دىندا مۇسىبەت كۈنى دەيدىغان بەلگىلىمە يوق.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ دەۋەت گۇرۇپپا مەسئۇلى ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەنىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەققىدە توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ تەخىرسىز مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە جىددى تەشنا بولىۋاتقان بىر پەيىتتە، بارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە پائالىيەت قىلىشىنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى، بىز شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ نادانلىق، چېچىلاڭغۇلۇق، خىتايدىن ئىبارەت ئۆچ خىل ئەجەللىك دۈشمىنىمىز بار. بۇلار بىزنىڭ ئەجەللىك خاتالىقىمىز ھېسابلىندۇ. شۇنداق خاتالىقىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىزنى مۇستەملىكە قىلىۋالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە سەل قارىماي كېلىشىڭلار تولىمۇ مۇھىم.


پائالىيەتتە يەنە، قىز – ئوغۇل پەرزەنتلىرىمىز دىنى ۋە مىللى مەزمۇنلاردىكى شېئىرلارنى دىكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق تەسىرلىك نومۇرلارنى كۆرسىتىپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنى بىر كۈلدۈرۈپ بىر يىغلىتىپ دىگەندەك سورۇن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

پائالىيەتتە يەنە ئادىل غوپۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ئەكس ئەتتۈرۇلگەن مۇڭلۇق ھېكمەت ئوقۇپ بېرىپ، سورۇن ئەھلىنى مۇڭغا سالدى.


پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا مىللىيچە چېلىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇسابىقىگە يەتتە ياشتىن 70ياشقىچە كىشى قاتنىشىپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخمۇ ئوقۇرى كۆتۈردى. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىگە تالىشىپ قاتنىشىش قىزغىنلىقى تاماششىبىنلارنىڭ ئۈمىدلەندۈردى. ياشانغان مۇيسىپىت كىشىلىرىمىزنىڭ مەيدانغا چۈشۈپ، « ماڭا كىم چۈشىدۇ؟» دېيىشلىرى سورۇن ئەھلىنى بىر تەرەپتىن كۈلدۈرسە، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ غەيرىتىگە ئاپېرىن ئوقۇشقا قىستىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ