ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىران 50 مىڭ مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلماقچى

ئىران 50 مىڭ مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلماقچى

خەبەر يەتتە تورىنىڭ 5-فېۋرالدا بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، ئىران ئەدلىيە باش نازارەتچىسى سادىق لارىجانى ئىران ئىنقىلابىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنىدىغان كەچۈرۈمنامە توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، 50 مىڭ ئادەم پايدىلىنىدىغان كەڭ دائىرىلىك مەزكۇر كەچۈرۈم تەلىپىگە ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ئەلى ھامىنىينىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىجابىي قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 خەۋەردە ئىران ئەدلىيە باش نازارەتچىسى لارىجانى كەچۈرۈمنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەپسۇسكى، بەزىلەر بۇ كاتتا قەدەمنى سىياسىيلاشتۇرماقتا ۋە كەچۈرۈمنىڭ ‹سىياسىي تۇتقۇنلار›نى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق بىزدە سىياسىي مەھبۇس يوق. يەنە بەزىلەر كەچۈرۈمنىڭ تەنقىدلىگۈچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇلارنىڭ قارىشىچە، بەزىلەر پەقەت تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىدە. بۇ بىر چوڭ يالغان سۆز. ئەدلىيە ھېچقاچان تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن بىرەرسىنى تەقىب ئاستىغا ئالمىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنلىكى، ئىران ئاساسىي قانۇنىنىڭ 110-ماددىسىنىڭ 11-تارمىقىدا ھامىنىينىڭ مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش سالاھىيىتى بارلىقى كۆرسىتىلگەنلىكى، ئىران ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر يىلى ئىنقىلابنى خاتىرىلەش كۈنى باشتا بولۇپ، ھېيت-بايرام ۋە باشقا دىنىي كۈنلەردە مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ