ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىران خەلقى قىممەتچىلىككە قارشى نامايىش قىلدى

 

1- ئاۋغۇست قېرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرلىشىچە، كەرەچ شەھىرىدە يۈزلىگەن كىشى قىممەتچىلىككە ۋە چەت ئەل پىرىۋۇتلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە نارازىلىق نامايىش قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كۆرۈنۈشلەردە  ئىراندىكى نامايىشچىلارنىڭ ئاپتوموبىل چاقلىرىنى توپلاپ كويدۇرۇشى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىغانلىقى، ساقچىلار پات – پات نامايىشچىلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلغانلىقى ھەققدە خەۋەرلەر تارقىتىلدى.  

خەۋەردە يەنە، ئىراننىڭ ئەسفىھان شەھىرىدىمۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈۈزگەنلىكى، ئىراندا دوللار تىز ئۆسۈپ كېتىشى تۈپەيلى ئالدىنقى ئاي پايتەخت تېھراننىڭ ئەڭ چوڭ سودا سارايلىرى ئىقتىسادىي يۆنىلىشنىڭ سەلىبىيلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ دۇكانلىرىنى تاقىغانلىقى، بۇ ئەھۋال دۆلەت مىقياسىدا يېڭى نامايىشلارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى ساھەدە يولغا قويغان تەدبىرلىرى دوللارنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىراندىكى ئەركىن بازاردا دوللارنىڭ باھاسى 10 مىڭ تۆمەنگە چىققان. چەت پىرىۋۇتىدىكى قاتتىق ئۆسۈپ كىتپ، خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. زاۋۇتلار ئارقىمۇ – ئارقىدىن تاقىلىپ كېتىپ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ بارغانچە يۇقىرى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ