ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىراق تۈركمەن رەھبىرى ئىرشات سالىھ: شەرقىي تۈركسىتانغا ئېگە بولۇش تۈركىيىنىڭ ۋەزىپىسى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-03 11:03:58 جەمئى 4335 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىراق تۈركمەن رەھبىرى ئىرشات سالىھ: شەرقىي تۈركسىتانغا ئېگە بولۇش تۈركىيىنىڭ ۋەزىپىسى

ئىراق تۈركمەن رەھبىرى ئىرشات سالىھ: شەرقىي تۈركسىتانغا ئېگە بولۇش تۈركىيىنىڭ ۋەزىپىسى
2- يانۋار ئىراق تۈركمەنلىرى رەھبىرى ئىرشات سالىھ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ « شەرقىي تۈركسىتانغا ئېگە بولۇش تۈركىيىنىڭ ۋەزىپىسى» دېگەن.
ئۇ باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
قانداق يەردە بىر تۈرك بولسا شۇ يەر تۈركنىڭ زىمىنى ، نۆۋەتتە خىتاي ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ۋەھشى باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە تۈركلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى مەسىلىسى، شەرقىي تۈركستاندىكى زۇلۇمنىڭ داۋام قىلىشىدىكى سەۋەب بىز تۈرلەرنىڭ بىر يەرگە كېلەلمىگەنلىكىڭىزدىن كېلىپ چىققان . ئەگەر بارلىق تۈركلەر بىرلىككە كەلسە تۈركلەرگە قاشى چىقىدىغان ئادەم قالمايدۇ. تۈركلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تۈركىيىنىڭ ۋەزىپىسى. شۇڭا تۈركىيىنى تۈركلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە چاقىرىمەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى دۇنيا خەلقى بىلىشى كېرەك. پەلەستىن خەلقى زۇلۇمغا ئۇچرىسا ئەرەبلەر، ۋە باشقا مۇسۇلمانلارمۇ ئۇرنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ۋەھشىي باستۇرۇشلىرىغا بىر مىليارد تۈرك قارشى تۇرمايدۇ؟ مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرى نەدە؟ تۈركنىڭ دوستى تۈركتىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق تۈركلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرق قىلىمەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ