ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئوماق پەرزەنتلىرىمىز پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىڭ!

ئوماق پەرزەنتلىرىمىز پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىڭ!
قەدىرلىك ئوماق پەرزەنتلىرىمىز، ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان گۈزەل ياز پەسلىنى ئوماق ۋېلىسپىتىڭىز بىلەن ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز؟؟ ئۇنداقتا بۇ بەك ئاسان!
سىز ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن
5- ئاينىڭ 6- ۋە 7- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا مۇكاپاتلىق قۇرئان يادلاش مۇسابىقە پائالىيىتى ئويۇشتۇرىدۇ.
مۇسابىقە پائالىيىتى 5- ئاينىڭ 6- ۋە 7- كۈنلىرى ئىككى كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ مۇسابىقە تۈرلىرى ئىنتايىن ئاسان. ئۇ بولسىمۇ: سىز پەقەت
1. قۇرئان كەرىمدىن سۈرە كەھڧ ۋە سۈرە تەبارەكنى پىششىق يادقا ئوقۇپ بېرىسىز.
2 .ئوقۇلغان ئايەتلەردىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئېنىق، تەجۋىت قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇش
3. ئاۋاز تۈسى يېقىملىق بولۇش
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ياش چەكلىمىسى 7 ياشتىن 14 ياشقىچە.
مۇسابىقە ئۆلىما، ئۇستاز ۋە قارىلارنىڭ ئادىل باھالىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تىزىملىتىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچەئۇزارتىلدى.
مۇسابىقە ئورنى سەفاكۆي ئوغۇللار قۇرئان كۇرسى.
مۇكاپات تارقىتىدىغان ئورۇن:
سەفاكۆي سۇلتان مۇراد جامەسى.
مۇكاپات تارقىتىدىغان ۋاقىت: 5- ئاينىڭ 13- كۈنى يەكشەنبە.
تىزىملىتىش ئورنى: سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ زېيتىنبورنۇ ۋە سافاكۆيدىكى ئىشخانىلىرى
ئالاقىلاشقۇچى: ھىزبۇللا قارىم، سابىر داموللام
يانفون: 905389177426 + 5416731539


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ