ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئستانبۇلدا ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-05 16:06:37 جەمئى 2518 قېتىم ئوقۇلغان.

ئستانبۇلدا ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ

ئستانبۇلدا ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ
6- ئۆكتەبىر ڧارابى تەلىم- تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلىمى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ڧاتىھ سۇلتاندا « ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقات ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇھاكىمە يېغىنغا مۇھاجىرەتـتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ھەر ساھەدە يېتىشىپ چىققان دوكتور، تەتقىقاتچى ۋە ئاكادېمىكلار قاتنىشىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يولۇققان كىرىزىسلار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى ئابدۇجېلىل تۇران « مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىغا نەزەر» تېمىسىدا، « قۇرئان تەپسىرچىلىكىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە زامانىمىزدىكى تەپسىرچىلىك ھەرىكەتلىرى» تېمىسىدا دوچەنت دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان، « ئاز سانلىقلار پىقھىسى بويىچە تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغان نەزەر» تېمىسىدا ئوقۇتقۇچىلار ئەزاسى دوكتور مۇھەممەد چوچاك، «دىننىڭ روھىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئانا تىلىنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان، « ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى ھەققىدە قسىقىچە چۈشەنچە» دوچەنت دوكتور بۇرھان سايىت، «ئىسلام مىللەت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى» تېمىسىدا ئابدۇراھمان قەشقەرلى، « ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئىككى ئاتالغۇ- ئېلمانزىم ۋە سېكۇلارىزم» تېمىسىدا ئادىل ئەر ئۇيغۇر، «ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان بىر قىسم شەخىسلەر» تېمىسىدا ئابدۇسالام تەكلىماكان، ئىسلامدا ئىلىم- پەننىڭ تەرەققي قىلىشى ۋە چۆكۈشى قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
پائالىيەت ئورنىنىڭ ئادرېسى: ئىستانبۇل ڧاتىھ سۇلتام مەھمەت ئونۋېرسىتېتى ئىسلامى ئىلىملەر ڧاكولتېتى زەيرەك مەھەللىسى بۈيۈك كارامان رەستىسى 53- نومۇر.
ۋاقتى: 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ( شەنبە) ئەتتىگەن سائەت 09:30 دا


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ