ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاۋىستىرىيە مىنىستىرى جامەلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-09 13:01:35 جەمئى 1250 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاۋىستىرىيە مىنىستىرى جامەلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئاۋىستىرىيە مىنىستىرى جامەلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
9- ئىيۇن قېرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەر بىلدۈرۈلىشىچە، ئاۋىستىرىيە باش مىنىستىرى ۋە ئوڭچىل ئاۋىستىرىيە خەلق پارتىيىسى رەھبىرى سەباستىئان كۇرز ئاۋىستىرىيەدىكى يەتتە جامىنى تاقايدىغانىلىقىنى بىلدۈردى.
خەلق پارتىيىسى رەھبىرى سەباستىئان كۇرز بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، قارارنىڭ دۆلەتتىكى دىنىي خادىملار تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن چىقىرىلغانلىقىنى، پاراللېل جەمئىيەتلەرگە، سىياسىي ئىسلامغا ۋە رادىكاللىشىشقا دۆلىتىدە ئورۇن يوق ئىكەنلىكىنى، چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، دۆلەتتىكى 7 جامىنى تاقايدىغانلىقىنى ۋە بىرقانچە ئىمامنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلق پارتىيىسى رەھبىرى سەباستىئان كۇرز ئىلگىرىمۇ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋىنايا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرگە بېرىلىۋاتقان دۆلەت ياردەملىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جەمئىيەتلەرگە قارىتا تېجەشلىك بولۇش لازىم دېگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ