<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاۋسترالىيە پارلامىنت ئىمزالىق مۇراجىئەتنامىسى ئاخىرلىشىشقا ئاخىرقى ئىككى كۈن قالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-10 19:26:32 جەمئى 3034 قېتىم ئوقۇلغان.

<p dir="RTL">ئاۋسترالىيە فېدېرال پارلامېنتىغا سۇنۇلىدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزالىق مۇراجىئەتنامىنىڭ ئاياقلىشىشىغا پەقەت ئىككى كۈنلا قالدى

ئاۋسترالىيە فېدېرال پارلامېنتىغا سۇنۇلىدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزالىق مۇراجىئەتنامىنىڭ ئاياقلىشىشىغا پەقەت ئىككى كۈنلا قالدى. ئۇشبۇ مۇراجىئەتنامىنىڭ نەتىجىسى ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردىكى فېدېرال پارلامېنت يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك پارلامېنتەرىيەنلەر بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىشتە پايدىلىنىدۇ.

غەرب دۆلەتلىرىدە تۇنجى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ پائالىيەت باشقا غەرب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيىدە ئوخشاش شەكىلدە ئېلىپ بېرىلسا يەر شارىۋى ماس قەدەملەشكەن ئۈنۈمنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. شۇڭا، بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويمىغان قېرىنداشلىرىمنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىمزا قويۇشقا چاقىرىق قىلىمىز.

بۇ بىز قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئەڭ ئاددىي ئەمما خىتايغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قارشىلىق بىلدۈرۈش شەكلىدۇر.

ئاۋسترالىيە پارلامىنت ئىمزالىق مۇراجەتنامىسىغا يانفون ئارقىلىق تىزىملىتىش قوللانمىسى تۆۋەندىكىدەك:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، تۆۋەندە رەسىملىك چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، قانداق قىلىپ يانفوندا ئاۋىسترالىيە پارلامىنتىغا سۇنۇلماقچى بولغان ئىمزالىق مۇراجەتنامىغا قاتنىشىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردۇق. ۋاقىت قىس بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇۋاپىقىيەتلىك ئىمزا قويغان ھامان، تەجرىبىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكى ئىمزا قويۇشتا قىينىلىۋاتقان ھاجەتمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقايسىز. رەھمەت!

مەزكۈر توردا ئىمزا قويۇش ئۇلانمىسى ئىككى بولۇپ، ئىككىلا ئۇلانمىنى ئېچىپ ئايرىم-ئايرىم ئىمزا قويۇشىڭىزنى سورايمىز . بۇ ئىمزالىق مۇراجەتنامىدا سىزنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىڭىز سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ، ئەمما چوقۇم بىر ئېلخەت ئادرىسىڭىز بولۇشى، ھەم تۆۋەندىكى مەشغۇلارتلارنى تۈگەتكەندىن كىيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا كىرىپ )ئىمزا قويۇپ 8 سائەت ئىچىدە(، ئاۋىسترالىيە پارلامىنتىدىن كەلگەن جەزىملەش

خېتىنى ئېچىپ، شۇ يەردىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ ئاچسىڭىز ئاندىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىمزا قويغان بولىسىز.

ئەڭ ئاۋال بۇ تور بەت ئادرىسىنى يانفونىڭزدا ئېچىڭ:

 

بىرىنچى ئۇلانما ئادرىسى:

https://www.aph.gov.au/Parliamentary_Business/Petitions/House_of_Representatives_Petitions/Petitions_General/Sign_an_e-petition?id=EN0659

 

ئىككىنچى ئۇلانما ئادرىسى:

https://www.aph.gov.au/Parliamentary_Business/Petitions/House_of_Representatives_Petitions/Petitions_General/Sign_an_e-petition?id=EN0661


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ