ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاۋسترالىيىدىن سىياسى پاناھلىق سورىغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشقان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-01 10:04:37 جەمئى 3638 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاۋسترالىيىدىن سىياسى پاناھلىق سورىغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشقان

ئاۋسترالىيىدىن سىياسى پاناھلىق سورىغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشقان
31-ئۆكتەبىر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرىلشىچە، ئاۋىسىترالىيە مەمۇرىيى ئەرزىيەت سوتى 30- ئۆكتەبىر بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا، پاناھلىق تەلەپ قىلىش ۋىزىسى رەت قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك نارازىلىق ئەرزى بەرگەن خىتاي پۇقرالىرى سانىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى 1200 كىشىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ 2821 گە يەتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، نارازىلىق ئەرزى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن پەيتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش <<قايتا تەربىيىلەش>> مەركەزلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ <<قايتا تەربىيىلەش>> نامىدىكى لاگىرلارغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
نارازىلىق ئەرزى سوتىنىڭ دوكلاتىدا، قانچىلىك ئادەمنىڭ دەۋادا ئۇتۇپ چىققانلىقى ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئاۋىسترالىيىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلارنىڭ ئىچىدە قانچىلىك كىشىنىڭ دىنىي ياكى مىللىي مەسىلىلەر سەۋەپلىك سىياسى پاناھلىق ئەرز سۇنغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ