ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش
ئىسلام شەرىئىتى ئايالغا چىرايلىق ئوبدان مۇئامىلە قىلىشنى تەرغىب قىلىدۇ. قۇرئاندا اﷲ تائالا مۇنداق دېدى: << ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار>>. يەنە اﷲ تائالا مۇنداق دېدى: << سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار >>. ئەركىشىنىڭ ئۆز ئايالى ۋە بالىلىرىغا ئىقتىسادنى بۇزمىغان ۋە چىڭ قىسىۋالمىغان ھالدا ئالقىنىنى كەڭ تۇتۇپ خىراجەت قىلىپ بېرىشى لازىم. بۇ ھەقتە اﷲ تائالا مۇنداق دېدى: << باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم اﷲ نىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). اﷲ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، اﷲ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ) >>. ئايال كىشى بويۇنتاۋلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ خاپا قىلسا، ئەركىشى تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ ئوچۇق كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىپ ئۇنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتسە بولىدۇ. اﷲ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: << سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار >>. بۇ ئايەت شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇكى، قاچانلا ئەركىشى ئۆز ئايالىنىڭ يۇغانلىق قىلىشى ۋە ئاياللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈمەسلىكنى ئىپادىلەيدىغان ئالامەتلەرنى كۆرسە ئەۋۋەل باشلاپ ئۇنىڭ جېنىغا تەسىر قىلغۇدەك نەسىھەت قىلىشى لازىم. نەسىھەت ئايالنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئەرنىڭ ئىلىملىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. قاچانكى ۋەز ـ نەسىھەت كار قىلمىسا، ياتاقتا بىللە ياتماسلىق جازاسىنى قوللىنىپ باقىدۇ. ياتاقنى ئايرىشتىكى سەۋەب: بىر ئۆيدە تۇرۇپ ئايرىم يېتىۋېلىش بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە ھەپتە بەدەنىي لەززەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇشلا ئەمەس بەلكى ئايالىنىڭ جېنىغا تېگىدىغان روھىي جازادۇر. چۈنكى، ئايال ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلسىمۇ ئېرىنى ئۆزىگە مايىل قىلالايدىغانلىقىنى، ئەرنى ئالداش بىلەن ئۇنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى، ئەرنىڭ رىغبىتىنى ۋە ئىشتىياقىنى قوزغايدىغان ئىشلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئاجزلىقىنى تولدۇرۇشقا كۈچىنىڭ يېتىدىغانلىقىنى بىلگەندە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىغا قايغۇرمايدۇ. ئەركىشى قانچىكى كۈچلۈك بولسا، ئايالنىڭ ھىلىسى ۋە ئالدامچىلىقىمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. ئايالنىڭ ئاجىزلىقىغا ئەڭ چوڭ تەسەللى بولىدىغان ئىش ئۇنىڭ تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەرنى ئۆزىگە تارتىشىدۇر. قاچانكى ئايال ئېرىنىڭ يېنىدا يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ۋاقتىدا، ئەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ۋە ئۇنىڭ تەسىرلىك ئىشلىرىغا ئالدانماي ئايالغا ئارقىسىنى قىلىپ يېتىۋالسا، ئايالنىڭ پىكرىگە نېمىلەر كېلىدۇ؟ ئۇ ئۆز كۆڭلىدە شۇ ئەرنىڭ سۆيگۈسى ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىدۇ. ئىرى ئەڭ كۈچلۈك، ئايالنىڭ ئۇنىڭغا باش ئىگىشىگە ۋە ئەيمىنىشىگە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. شۇڭا ئەركىشى ئايالغا قارىتا ئۆز ھوقۇقىغا ئۆزى ئىگە، ئايال ئەرگە تەسلىم بولماي چارە يوقلىقىغا ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە ئەمەسلىكىنى ئايال چۈشىنىدۇ. بۇ ياتاقتا ئايرىش جازاسى ئايالنىڭ ئەرگە ئاسىيلىق قىلىشنى بېكار قىلىپ تاشلايدۇ. ئاسىيلىق، ھېچ ئىش بىلەن ئاسىي ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىقىنى ۋە ئاسىيلىق قىلىنغۇچىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى سېزىشى بىلەن يوقالغاندەك يوقالمايدۇ. ئايالغا نەسىھەت قىلىشمۇ ۋە ياتاقنى ئايرىشمۇ پايدا بەرمىگەندە ئۇنى ئۇرۇشقا يول قويۇش بولسا، ھەرقانداق ھالەتتە ھەرقانداق ئايالنى ئۇرسا بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. (ئۇرمىغان تەقدىردە تالىقىنى بېرىش توغرا كېلىپ قالسا، بىر ئاز ئۇرۇپ ياۋاشلىتىش ئارقىلىق تالاقتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا يول قويۇلغان). چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋەلقىسى تورۇقلۇق ئايالىنى ئۇرۇشنى يامان كۆرەتتى ۋە ئەيىبلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىچىڭلاردىكى ياخشى كىشىلەر ئاياللىرىنى ئورمايدۇ» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «بىرىڭلار ئايالىنى قۇلىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇشتىن ھايا قىلمامدۇ؟ ئەتتىگەندە ئۇرۇپ، كەچتە ئۇ ئايال بىلەن مۇناسىۋەت قىلغىلى خىجىل بولمامدۇ؟» دېگەن. شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچبىر ئايالىنى ئۇرمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەدەب بېرىش ئۈچۈن ئايالىنى ئۇرغان كىشىنىڭ يەڭگىل ئۇرۇشى ۋە زەخمىلەندۈرمەسلىكى شەرت قىلىنىدۇ. زۆرۈر بولمىغاندا ئۇرۇشقا ھەرگىز رۇخسەت يوق. پەقەت بىر ئاز ئۇرۇپ ئەدەب بەرمەكتىن باشقا ئامال تاپالمىغاندا ئاندىن ئۇرۇشقا رۇخسەت بار. ئۇ چاغدا ئۇرۇپ ئەدەبلەش تالىقىنى بېرىپ ئەدەبلىگەندىن ياخشىراق. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ زىيىنىنى يالغۇز ئايال تارتىدۇ. تالاقنىڭ زىيىنىنى بولسا ئايالنىڭ بالىلىرى ۋە تالاق قىلغانلىقى ئۈچۈن رەنجىيدىغان ئايالنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ تارتىدۇ. بەزى ئاياللار باشقا ئىش بىلەن تۈزۈلمەي تاياق بىلەن تۈزىلىدۇ. شۇڭا ئۇنداقلارنى بىر ئاز ئۇرۇشقا يول قويۇلىدۇ. ئېرىگە چوڭچىلىق قىلىدىغان بۇنداق ھاكاۋۇرلار تاياق يېيىشنى يامانمۇ كۆرمەيدۇ. ئۆزىگە خارلىقمۇ ھېسابلىمايدۇ. ئايال خانىملارنىڭ مۇنداق كاژ ۋە يوقۇملۇق كېسەلدەك تاياق خومار ناچار ئاياللاردىن بولۇشى، بەزى كېسەللەر ھەرخىل قىيىنىلىشنى كۆڭلى تارتقاندەك تاياق خالايدىغان بولۇۋېلىشى زۆرۈر ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرىنى ئايىغىنى ياخشى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ