ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئانتاليادا شەرقىي تۈركىستان كۈنتەرتىپكە كەلدى

ئانتاليادا شەرقىي تۈركىستان كۈنتەرتىپكە كەلدى
ئۆز خەۋىرىمىز، 4 – يانۋار تۈركىيە مەمۇرلار بىرلىكى بىلەن تۈرك مائارىپ بىرلىكى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان قەلبلىرى بىرلەشكەنلەر بۈيۈك تۈركىيە ئۇچرىشىشى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىندى.
تۈركىيىنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان يىغىن 3 – يانۋاردىن 6 – يانۋارغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ بۈگۈنكى كۈنتەرتىپىدە شەرقىي تۈركىستان تۈركىيىنىڭ نومۇسىدۇر تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
يىغىنغا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسېتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇرېشىد جېلىل قارلۇق ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجرائاتلىرى تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قىزغىنلىقى دىققەت تارتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ