ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكىدىكى يەرلىك سايلامغا مۇسۇلمانلار نامزات بولۇشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-08 13:10:06 جەمئى 1334 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكىدىكى يەرلىك سايلامغا مۇسۇلمانلار نامزات بولۇشقا باشلىدى

 

8- ئاۋغۇست تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە،  ئامېرىكىدا بۇ يىل نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلاملارغا نۇرغۇن مۇسۇلمان نامزات بولدى.

ئەل-جەزىرەنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا كۆپ سانلىقى دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزاسى بولغان 90دىن ئارتۇق مۇسۇلمان، يەرلىك سايلاملارغا نامزات ياكى نامزات نامزاتى بولغان، بۇ سان ئامېرىكىدا 2001-يىلى 11-سېنتبەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكە ئىگە ئىكەن.

ئانالىزچىلار سايلامغا بۇنچىۋېلا كۆپ مۇسۇلماننىڭ نامزات بولۇشىغا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى بەرگەن باياناتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم رايون ھەم مەملىكەت مىقىياسىدە ۋەكىل چىقىرىش ئۈچۈن سىياسەتكە ئارىلىشىشقا بەل باغلىقلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

سايلاملارغا دېموكراتچىلار پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن مىچىگان ئىشتاتىدىن نامزات بولغان 33 ياشلىق ئابدۇل ئەل سەيەد، ناۋادا بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان تەييارلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقسا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئىشتات باشلىقلىق سالاھيىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئارىزونا ئىشتاتىدىن ئالىي پالاتا نامزاتى بولغان ئادۋۇكات ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى دېدرا ئابدۇھ ۋە ۋاشىنگىتوندىن يەرلىك كومىتېت ئەزالىقى ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشكەن ئامر كوتب قاتارلىق شەخسلەرنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ