ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ <<بىر بەلباغ، بىر يول>> پىلانىغا <<ياق>> دېيىشكە ئىلھاملاندۇرماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-27 09:29:48 جەمئى 337 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ <<بىر بەلباغ، بىر يول>> پىلانىغا <<ياق>> دېيىشكە ئىلھاملاندۇرماقتا

 

 

ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ <<بىر بەلباغ، بىر يول>> پىلانىغا <<ياق>> دېيىشكە ئىلھاملاندۇرماقتا

 

25- ئۆكتەبىر ب ب س خەۋەرلىرى تورىدا،« ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ <<بىر بەلباغ، بىر يول>> پىلانىغا <<ياق>> دېيىشكە ئىلھاملاندۇرماقتا»تېمىسىدا مۇلاھىزە ماقالسى ئېلان قىلىنغان.

مالىدە خىتاينىڭ <<بىر بەلباغ، بىر يول>> سودا پىلانى غەربنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. تەنقىد قىلغۇچى مۇنداق دېگەن :

«خىتاي «قەرز دىپلوماتىيىسى»نى يولغا قويدى. خىتاينىڭ قەرزگە مەبلەغ سېلىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىستېراتىگىيىلىك مەبلەغ  سېلىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ <<بىر بەلباغ،بىر يول>> پىلانىغا «ياق» دېيىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.>>

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى يېقىندا لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەت قىلغاندا مۇنداق  دېگەن :<<خىتاينىڭ سىلەرگە ئېلىپ كەلگەنلىرى ھەمىشە سىلەرنىڭ پۇقرالىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەر ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرى خۇددى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرىنىدۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.>> BBC ئاسىيا سودا مۇخبىرى ۋاسۋالى (Karishma Vaswani) نىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي تالاش-تارتىشىنىڭ سودا قاتلىمىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىزاھلاپ بەرگەن.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدىنتى مايك پىنىس، يېقىندا خۇدسون تەتقىقات ئورنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختاي سىياسىتى مەسىلىسى توغرىسىدا قاتتىق سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن :<< ۋاشىنگىتوننىڭ بېيجىڭغا قولىنى سۇنۇپ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىكتە دۇنيا ئىشلىرىدا مەنپەئەتدار تەرەپلەر بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان دەۋرى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى. >>

 پىرېزىدىنت مايك پىنىس يەنە مۇنداق دېگەن :<< بېيجىڭ ھازىر سىياسىي، ئىقتىسادىي ،ھەربىيي، شۇنداقلا تەشۋىقات قاتارلىق بارلىق ھۆكۈمەت ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن ئامېرىكىدىن پايدا ئېلىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ.>>

پىنسى، ئامېرىكا – خىتاي ئارىسىدىكى سودا تالاش-تارتىشى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېئو بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ماتتىس خىتاي ھەققىدە كەسكىن سۆزلەرنى قىلغان. ۋاسۋالىنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ھەر جەھەتتە  كەسكىن مەيداندا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

<<بىر بەلباغ، بىر يول>> قەرز دىپلوماتىيىسىمۇ؟

ۋاسۋالىنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىنىڭ قىلىغىنى، خىتاينىڭ كۆلىمى ناھايىتى زور بولغان <<بىر بەلباغ، بىر يول>> تۈرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولۇپ، يېقىندا <<بىر بەلباغ، بىر يول قەرز دىپلوماتىيەسى>> دەپ تەنقىد قىلىنىشى بىلەن، خىتاي بىلەن ئۆز ئارا كېلىشىم تۈزگەن دۆلەتلەر ئاخىرىدا چوڭقۇر قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.  

بېيجىڭنىڭ 1240 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان زور كۆلەملىك بۇ تۈرى، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا  ۋە باشقا جايلار بىلەن بولغان سودا ۋە مەبلەغ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. <<بىر بەلباغ، بىر يول>> تۈرى تۇنجى بولۇپ خىتاي شىجىنپىڭ تەرىپىدىن 2013-يىلى ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپنى دۇنياۋى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ۋاستىلىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرىنىۋاتىدۇ دەپ قارالغان.

ئەنگىلىيە <<دىپلوماتىيە>> ژۇرنىلىنىڭ  ماقالىسىدە چۈشەندۈرىشىچە، خىتاينىڭ  ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرى، خىتاينى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدىغان غايەت زور قەرز ئېلىپ كېلىش بولۇپ،  موشۇنداق بولغاندا، بېيجىڭ بەلكىم تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زىياننى، سىياسىي غەلبىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ماقالىدە يەنە، خىتاي تەرەپ قەرزنى قايتۇرالمىغان دۆلەتلەردىن قەرزدىن سىرت پورت ياكى  باشقا قولايلىقلارغا ئوخشاش  تولۇقلىما بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن دەپ قارالغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ماتتىس،  بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى (20-ئۆكتەبىر)  مۇداپىيە باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى تېخىمۇ قاتتىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇ تۈردىكى يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ قېتىمقى يىغىندا ماتتىس تەنقىدلەشتە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن.

ئۇ يىغىندا مۇنۇلارنى دېگەن :<< بىز ھەرگىزمۇ ھەيۋىدىن قورقۇپ چېكىنىپ چىقمايمىز. چۈنكى بىز خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئەسكىرىي ئىشلىرى ياكى بۇ رايوندىكى ھەر قانداق تەھدىت سېلىش قىلشمىشلىرىنى  قوبۇل قىلمايمىز.>> ماتتىس، ئ‍امېرىكىنىڭ بۇ رايونلاردا ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ئەركىن قاتناش يولى بەرپا قىلىش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن

پىنسى، كېلەر ئايدا پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسىدە ئېچىلىدىغان  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. يىغىندا ئۇ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىشى مۇمكىن. پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى يېقىندا خىتاينىڭ <<بىر بەلباغ بىر يول>> تۈرىگە قوشۇلغان بولۇپ، ئۇ يەرمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەسىرىگە ئ‍ۇچراۋاتقان بىر ئورۇن ھېساپلىنىدۇ.

ئەنگىلىيە <<مۇھاپىزەت گېزىتى>> نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرىشىچە پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى ئىلگىرى  ئاۋسترالىيە تەسىر دائىرىسى ئىچىدە بولغان بولۇپ، ھازىرمۇ خىتايدىن نۇرغۇن قەرز ئالغان. 5- يانىۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ قەرز تېخى ئېنىق بىر ئەندىشە كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. لېكىن بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى خىتايغا <<ئىستىراتىگىيىلىك مۇقىم جاي>> يۆنىلىشىنى ئېچىۋەتكەن ھەمدە خىتاينى نۇرغۇن يەر ئاستى بايلىقى بىلەن تەمىنلىگەن.

خىتاينىڭ پىلانىغا قوشۇلماسلىق

ۋاسۋالىنىڭ دېيىشىچە ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا  دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىشنى خالىمىغان. لېكىن ئاستىرتتىن BBC مۇخبىرىغا ترامپنىڭ خىتايغا قارشى سىياسىتىنىڭ ئۇلارنى ئاشكارا سۆز قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خىتاينىڭ <<قەرز دىپلوماتىيە >> سىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەھلىلدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى ئۆتكەن يىلدا سۈكۈت قىلغان باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتاينى ئاشكارا تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكى، ھەتتا سىرلانكا، مالايشا، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ تۈرىدىن تەشۋىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

لىبېرىيە سابىق ئاممىۋى قۇرۇلۇش مىنىستىرى مور، خىتاي <<قەرز دىپلوماتىيە>>سىنى يولغا قويدى دېگەن قاراشقا رەددىيە بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاينى <<قەرز دىپلوماتىيە >> سىنى يولغا قويدى دېيىش بىلەن تەنقىدلىشى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ