ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-04 15:46:01 جەمئى 3942 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا تاشقى مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بارغاندا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى
4- دېكابىرzhe wall stert journal خەۋىرىدە مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا تاشقى مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بارغاندا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، خىتايدا تۇرۇۋاتقان ياكى ساياھەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى، ئامېرىكا-خىتاي قوش دۆلەت پۇقرالىقى سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن چېگرادا تۇتۇپ قوللىنىش ئېھتىماللىقنىڭ بار ئىكەلىكىنى ئۇقتۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان 2-دەرىجىلىك ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئىلگىرىكى ئۇقتۇرۇشلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى سىياسى باستۇرۇش ۋەزىيەتلىرى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىشىشى سەۋەب بولغانلىقى، كانادا ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مېڭ ۋېنجۇنى قولغا ئالغانلىقى، خىتايمۇ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى قولغا ئالغانلىقى، خىتاي كانادا پۇقراسىنىڭ قولغان ئېلىنىشىنى، خۇاۋېي دىرېكتورىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ بىراق كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ