ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا پۇتىن ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پۇتىن ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
4- ئىيۇل يېنى ئاكت گېزىتى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىستىخبارات كومىتېتى ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىققان بىر پارچە دوكلاتنى ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بايقاشلىرى توغرا ئىكەنلىكى ھەمدە بۇلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى بار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش يوليورۇقىنىڭ پۇتىن تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ،«كومىتېت بۇ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ پرېزىدېنت پۇتىن تەرىپىدىن تەستىقلىغانلىقىغا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا تايىنىپ چىقىرىلغان خۇلاسىلىرىگە قوشۇلىدۇ»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە دونالد ترامپنى قوللاپ، دېموكرات رەقىبى ھىلارى كلىنتوننىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بايقالغانلىقى، رۇسىيىنىڭ سايلام مەزگىلىدە ئامېرىكىغا سىبەر ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپاتلارنىڭ تېپىلغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ