ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتايغا قارىشى قانۇن ماقۇللىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-03 15:10:15 جەمئى 2065 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتايغا قارىشى قانۇن ماقۇللىدى

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتايغا قارىشى قانۇن ماقۇللىدى
3- ئاۋغۇستthe wall street joutnal بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى ماقۇللاپ ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە زىچ ھەمكارلىشىپ خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلەتمەكچى بولغان.
ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە زىچ ھەمكارلىشىپ خىتاينى چەكلەۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا پارلامېنتى بىر خىل دۆلەت مۇداپىئە سىياسى قانۇنى ماقۇللىغان. بىر قىسم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇن تارىختا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان ئەڭ قاتتىق چەكلىمىسى بولۇپ ھېساپلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بو خىل سىياسى قانۇننىڭ كۈچىگە ئاساسەن كېلەر يىللىق دۆلەت مۇداپىئە مالىيە خام چوتىنى 71 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى، ئامېرىكا بۇ خىل قانۇن ئارقىلىق جەنۇبى خىتاي دېڭىزدا ئامېرىكا قوشۇنىنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ بارلىق سىياسەتلىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چارشەنبە كۈنى87 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 10 ئاۋازنىڭ قارىشى چىقىش نەتىجىسىدە مەزكۇر قانۇننى ماقۇللىغان. مەزكۇر قانۇن ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىككىنچى قەدەمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ قول قويسىلا رەسمى قانۇنغا ئايلىنىدىكەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ