ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن %25 باج ئالىدىغان بولدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-08 12:48:22 جەمئى 19095 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن %25 باج ئالىدىغان بولدى.

ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن %25 باج ئالىدىغان بولدى.
8- ئاۋغۇست دوۋى خەۋەرلەر تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قويماقچى بولغان %25 باجنى رەسمى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان.
ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى خىتاينىڭ 16 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەھسۇلاتىغا قويماقچى بولغان %25 باجنى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى رەسمى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن:
مەزكۇر تەدبىر خىتاينىڭ سودىدا ئادالەتسىزلىك قىلىش قىلىمىشىغا قارشى ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكا ۋە پاتېنىت ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى.
خەۋەردە، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۇدا ئۇرۇشى باشلانغىنىغا بىر ئاي بولغان بولۇپ، سودا ئۇرۇشى بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى سودا ساھەسىدە يول قويۇشقا مەجبۇرلاش مەقسىدىنىڭ بارلىقى، ھەمدە خىتاينى قايتا سودا سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارغان سودا ئۇرۇشىدا نۇرغۇن زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، بىر قىسىم شىركەتلىرىنىڭ تارقالغانلىقى، بىر قىسىم چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىن كۆچۈپ كەتكەنلىكى، خىتاي شۇنچە زىيان تارتقان بولسىمۇ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي قارشىلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ