ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا خىتاينى يەتتىگە پارچىلىماي بولدى قىلمايدۇ

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-11 19:12:04 جەمئى 2245 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا خىتاينى يەتتىگە پارچىلىماي بولدى قىلمايدۇ


ئامېرىكا خىتاينى يەتتىگە پارچىلىماي بولدى قىلمايدۇ
9- سىنتەبېر دوۋې خەۋەرلەر تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئاكادېمىكلىرى: «ئامېرىكا خىتاينى يەتتە دۆلەت قىلىپ پارچىلاش مەقسىدىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ» دېگەن.
خەۋەردە، خىتاي يېقىندا ئامېرىكىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئامېرىكىغا تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق ئامېرىكا تەرەپ بۇ شەكىلدە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئىلىپ بارغان ئىقتىسادى زەربىنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاي خەلق ئونۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى، خىتاي خەلقئارا ئونۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جىن شەنروڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خاڭجۇدا سۆزلىگەن لېكسىيىسىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشى ھەققىدە نوقتۇلۇق توختۇلۇپ، « ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئۆزىگە قارشى كۈچ ھېساپلاپ خىتاي بىلەن سۇدا ئۇرۇشى قىلغانلىقى، بۇ ھەقتە خىتاي ئىچىدە ئىختىلاپنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بىر قىسىم كىشىلەر بىز ئامېرىكا بىلەن قارشىلىپ يۈرمەي تەسلىم بولۇپ ئامېرىكىنىڭ رايىغا باققىنىمىز تۈزۈك» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇ يەنە سۆزىدە « سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەمەلدارلار ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ تەسلىم بولغانلىقى، ئاخىردا 15 دۆلەتكە پارچىلانغان بولسىمۇ دۆلىتىگە ۋارىسلىق قىلدىغان ئاساسلىق گەۋدە بار بولغانلىقى، ئۇ بولسىمۇ روسىيە ئىكەنلىكىنى، روسىيە ھازىر بىر چوڭ دۆلەت بولسىمۇ بىراق ئامېرىكا ئۇنى بوش قۇيماي بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى جەھەتتە بوزەك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىك ساھەسىدىمۇ بوزەك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بىز تەسلىم بولساق بولىدۇ. بىز چوڭ دۆلەت بولغان بىلەن ئامېرىكا يەنىلا بىزنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئامېرىكا بىزنى يەتتە دۆلەت قىلىپ پارچىلىماي بولدى قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ