ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا خىتاينىڭ 44 شىركىتىگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-02 12:21:20 جەمئى 2023 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا خىتاينىڭ 44 شىركىتىگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى

ئامېرىكا خىتاينىڭ 44 شىركىتىگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى
2- ئىيۇل داجىيۇەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا تۆنۈگۈن خىتايغا تەۋە 44 شىركەتنى ئامېرىكا تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
مەزكۇر چەكلەش بۇيرۇقتا ئامېرىكىنىڭ تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا تەۋە شىركەتلەرگە ئامېرىكا تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. ئامېرىكا چىقارغان چەكلەش بۇيرۇقى شۇ كۈنى تەسىرىنى كۆرسىتىپ خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ھەربىي سانائەت پاي چېكى بازىرىدا تۆۋەنلەش بولغان، ھەتتا بىر پاي چېكى بازىرى توختاپ قالغان.
ئامېرىكا تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن خىتايغا تەۋە شىركەتلەر خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا خىزمەت گۇرۇھىنىڭ ئىككىنچى تەتقىقات مەركىزى قارمىقىدىكى 13 ئورگان. خىتاي ئېلېكتىر پەت تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى قارمىقىدىكى 13- 14- 38- 55- ئورگانلىرى، خىتاي تېخنىكا ئىمپورت- ئېكسپورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خىتاي خۇاتىڭ سانائەت چەكلىك شىركىتى، خېبىي يۈەندۇڭ ئۇچۇر ئالاقىسى قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ