ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-09 14:31:46 جەمئى 2040 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

 9- ئاۋغۇست تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىلىقى باياناتچى نائۇئېرت، ئەنقەرە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى سەدات ئۆنال رىياسەتچىلىكىدىكى 9 كىشىلىك تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى جون سۇللىۋان رىياسەتچىلىكىدىكى ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتتا،  «تۈرك ئەمەلدارلار بىلەن قوشۇمچە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق. سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى جون سۇللىۋان، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى باش ئەلچى سەدات ئۆنال بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر (تۈركىيەدە نەزەربەنت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان) راھىپ برۇنسوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار بىر قاتار تېمىلار ئۈستىدە سۆزلەشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە ھەيئىتىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى سەدات ئۆنال رىياسەتلىك قىلماقتا. ھەيئەتنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەتىگەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى 50 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشتى.

تۈركىيە ھەيئىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق مىنىستىرلىقلىرىدىن ئۈچتىن ۋەكىلنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىغا تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچمۇ ھەمراھ بولماقتا.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ