ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا تالىبان بىلەن ئىككى مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-03-13 12:00:45 جەمئى 1389 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا تالىبان بىلەن ئىككى مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

ئامېرىكا تالىبان بىلەن ئىككى مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 13-مارت بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تالىبان بىلەن ئىككى مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ھېساباتىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن قاتاردا ئۆتكۈزگەن 16 كۈنلۈك سۆھبىتى ئارقىلىق تالىبان بىلەن ئىككى مەسىلىدە كېلىشكەنلىكىنى، ئۇ بولسىمۇ ئافغانىستاندىن چەتئەللىك گۇرۇپپىلارنى قوغلاپ چىقىرىش، ئافغانسىتاندا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن تۆت مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئىككى مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان ئىككى مەسىلە بولسا ئۇرۇش توختىتىش ۋە تالىباننىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتكە كېلىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، تالىبان بىلەن ئافغانسىتان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ سۆھبىتى توختاپ قالغان. ئامېرىكا تەرەپ ئىككى تەرەپنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتا ئېلىپ كېلىشكە تىرىشماقتا ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ