ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا بىلەن خىتاي دېڭىزدا سۈركىلىشتى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي دېڭىزدا سۈركىلىشتى

 2- ئۆكتەبېر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللارغا كىرگەن ئامېرىكىنىڭ« USS Decatur » ناملىق پاراخوتقا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

خەۋەردە، بىر خىتاي ھەربىي ئەمەلدارى خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاراخوتىغا يېقىنلاشقانلىقلىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىمۇ خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىغا 15مېتىردەك يېقىنلاشقانلىقىنى، ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ تالاش-تارتىشلىق <سپارتلى ئاراللىرى>نىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن 12 دېڭىز مىل بولغان دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىگە قارشى خىتاي ئۇرۇش پارخوتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ « USS Decatur »ناملىق ھەربىي پاراخوتنىڭ يەكشەنبە كۈنى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ مەسىلىسى بولۇپ كېلىۋاتقان «سپارتلى ئاراللىرى»نىڭ 12 مىللىق دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

شۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس بۇ ئاي خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ