ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پاكىستاندا ياخشى ساقچى بولىۋېلىش پەيتى كەلدىمۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-08-31 11:23:50 جەمئى 32636 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پاكىستاندا ياخشى ساقچى بولىۋېلىش پەيتى كەلدىمۇ؟

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پاكىستاندا ياخشى ساقچى بولىۋېلىش پەيتى كەلدىمۇ؟
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىدە، 30- ئاۋغۇست « ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پاكىستاندا ياخشى ساقچى بولىۋېلىش پەيتى كەلدىمۇ؟ » تېمىسىدا ئوبزور ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى يىڭى سىياسىتى مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىيلىشىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى، خىتايغا نىسبەتەن ياخشى ساقچى بولىۋېلىش پۇرسىتنىڭ كەلگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭچە پاكىستان ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمىسە بولمايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ كۆرۈنۈشتە ترورچىلارغا زەربە بېرىشكە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى تراپنىڭ كەسكىن ھالدا « ھىندىستان ئافغانىستاندا ئۆز رولىنى ئەمەلىي جارى قىلدۇرماقچى بولدى » دېگەن سۆزلىرىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئوۋغىسىنى قايناتقانىلىقى، پاكىستان ئىستىراتېگىيە گۇرۇپپىسى ئافغانىستاننى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قاراپ، تالىبانلار بىلەن چوڭقۇر ئىستىراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، پاكىستاننىڭ ئەڭ قورقىدىغان يىرى ھىندىستان ئافغانىستاندا ھەركەت قىلسا جۇغراپىيىلىك نۇقتىدىن ئىككى تەرەپكە بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن پاكىستان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان سىياسىتىگە نارازى بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇچرىشىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، خىتايغا تىخىمۇ يېقىنلىشىش ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ترامپ پاكىستاننى ئەيىبلىگەندىن كىيىنلا، خىتاينىڭ دەرھال پاكىستاننى قانات ئاستىغا ئالغانلىقى، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىش پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، پاكىستاننى ھىمايە قىلىشىدىكى غەرىزى بولسا، خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان شەرقى تۈركىىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكى، خىتاي تارىختىن بويان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى بىرەر ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھىمايە قىلىشىدىن قورقىدىغانلىقى، پاكىستانىدىن ئىبارەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇسۇلمان قوشنىسىنى قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، شەرقىي تۈركستاننى مەڭگۈ مۇستەملىكە ھالىتىدە ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت يامان ئەزىزىنىڭ بارلىقى بىلدۈرلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ