ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-03 14:19:38 جەمئى 935 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى

3- ئىيۇن تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي پىلان كومىتېتى مۇدىرى بىرىيان ھوك، ئىرانغا بېسىم قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ ئىراننىڭ نېفىت كىرىمىنى نۆلگە چۈشۈرۈپ تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھوك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىران نېفىتىغا قارىتىلىدىغان ئېمبارگولار ئۈستىدە توختالدى.

«ئىران ئىستىراتېگىيەمىز ھەرگىزمۇ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى ئىرانلىق سىياسەتچىلەرنىڭ رايون سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشتۇر»دېگەن ھوك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ئىراننىڭ نېفىت كىرىمىنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز، دېدى.

ھوك يەنە مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز ئىران ھاكىمىيىتىگە بېسىم قىلىش ئارقىلىق نېفىت كىرىمىنى نۆلگە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت، بىز ئىراننىڭ دۇنيا بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. »


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ