ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايغا قارشى قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ماقۇللىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-28 15:30:38 جەمئى 1932 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايغا قارشى قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايغا قارشى قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ماقۇللىدى
27- سىنتەبېر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول » سودا پىلانىغا بىۋاسىتە قارىشى تۇرىدىغان خەلقئارا تەرەققىيات لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
« قۇرۇلۇش لايىھەسى » دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارا تەرەققىيات پىلانى خۇسۇسى مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن. بىرلىشىش ئارقىلىق كەڭ- كۆلەملىك خەلقئارا تەرەققىيات پۇل – مۇئامىلە ئاپپاراتىنى قۇرۇپ چىققان . مەزكۇر ئاپپارات يەر شارىدىكى نامرات رايونلارنىڭ ھۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىدىكەن.
لايىھەنى ماقۇللىغۇچى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئاسىيا تىنچ- ئوكيان رايونىغا مەسئۇل گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى Royce بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، بىز قۇرۇپ چىققان قۇرۇلۇش لايىھەسى بولسا خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول » سودا پىلانىغا بىۋاسىتە قارشى تۇرىدىغان ئىستراتىگىيىلىك پىلان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول » سۇدا پىلانى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نسىبەتەن بىر خىل يەمچۈك، ئۇ باشقا دۆلەتلەرنى قايتۇرۇپ بۇلالمايدىغان قەرزگە بوغۇپ قويىدۇ. بۇ خىل ۋاستىنى قوللىنىش ئامېرىكنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ